خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جېيىنبېكوف بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيادا يامراپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە غايەت زور تەھدىت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئەڭ مۈشكۈل بولىۋاتقان شۇ مەزگىلدە، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جۇڭگونى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىدى، قىرغىزىستاننىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر ئوخشىمىغان شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە مەدەت بېرىپ، نۇرغۇن ئىللىقلىق ئاتا قىلدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ قىرغىزىستان خەلقىگە قارىتا قېرىنداشلارچە دوستلۇق مېھرى بار. جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ. قىرغىزىستان خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، قىرغىزىستانغا داۋاملىق تۈردە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەجرىبىسى ۋە داۋالاش لايىھەسىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىپ، داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرىنى تېزدىن ئەۋەتىشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، قىرغىزىستان يۇقۇمنى چوقۇم تېزدىن يېڭىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ