خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-سېربىيە مۇناسىۋىتى بولسا، دۆلەتلەر بىلەن دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭقۇر مۇناسىۋەتتۇر. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ سىنىقىغا دۇچ كەلگەندە، ئىككى دۆلەت ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېقىن قېرىنداشلارچە مېھر مۇھەببىتىنى ۋە سىرداش دوستلۇقنىڭ مەنىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. جۇڭگو ھازىر سېربىيە خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان يۇقۇم تەھدىتىنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ، سېربىيەنى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان داۋالاش مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىدى، يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتتى. جۇڭگو سېربىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا داۋاملىق تۈردە ياردەم ۋە مەدەت بېرىدۇ. سىزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭىزدە باتۇر سېربىيە خەلقىنىڭ يۇقۇمنى چوقۇم بالدۇرراق يېڭىدىغانلىقىغا مەن ئىشىنىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ