مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

يۇقۇم ۋەزىيىتىدە ئىمتىھان سوئالىنى قوشۇشنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2020.04.14 18:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ناھىيە 1- دەرىجىلىك ئورۇنلار پارتىيەمىزنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدا يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلاشتەك ئاچقۇچلۇق ھالقىدا تۇرىدۇ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «بىرىنچى سەپتىكى قوماندان». پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئېغىر بولغان ۋە تەكشۈرۈشتە مەسىلە كۆپرەك بايقالغان ناھىيەلەرنىڭ ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىرىنى بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشكە چاقىرىشنى قارار قىلىشى ناھىيە دەرىجىلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. سۆھبەتلىشىش بولسا، ھەم ئۇرۇشقا نازارەت قىلىش ۋە بېسىم ئاشۇرۇش، ھەم ئىشەنچ ۋە غەيرەتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمىنى باھالاش دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پاسسىپلىقنى تەشەببۇسكارلىققا ئايلاندۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسىلىگە توغرا قاراپ، قاتتىق قول بولۇپ مەسىلىسىنى ئەستايىدىل تۈزىتىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۇرۇپ خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتتە غەلىبە قىلىشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان جاۋاب قەغىزىنى تىرىشىپ تاپشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ