مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلار، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جايلارنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2020.04.17 17:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چېگرا رايونلار، پورت، شەھەرلەردە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يىغىلىش خاراكتېرلىك يۇقۇم خەۋپ-خەتىرىنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ تۈگىتىپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىشنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، چېگرا سىرتىدىن كىرىش بىلەن ئايرىم جايلارنىڭ يەرلىك يۇقۇم ئەھۋالى گىرەلىشىپ كەتكەن، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، سەل قاراشقا بولمايدۇ. جايلار مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، يادرو كىسلاتاسى ۋە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈپ، تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بۇ، ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق ھەم خەلق ئاممىسىغا پايدىلىق، يەنە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. مەھەللە ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا دائىملاشقان، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئىلغاپ تەكشۈرۈش-دىياگنوز قويۇش-دوكلات قىلىش-ئايرىش» يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇم ئەھۋالى بايقالغان ھامان دەل جايىدا قورشاپ توسۇش كېرەك. ئايرىۋېتىلگەن خادىملارغا بولغان ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك. قىسمەن يىغىلىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن جايلاردا يۇقۇملىنىش سەۋەبىنى چىڭ تۇتۇپ ئېنىقلاپ، تارقىلىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش، بولۇپمۇ دوختۇرخانىلاردىكى ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يوچۇقىنى ئېتىپ، داۋالاش-پەرۋىش خادىملىرىنىڭ مۇداپىيەسىنى ياخشى ئىشلەپ، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇم ئەھۋالى ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش كېرەك. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ