مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كىتاب ئوقۇش — مەڭگۈلۈك مەدەنىيەت ساداسىدۇر

2020.04.24 18:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مەشھۇر ئوقۇش تارىخى مۇتەخەسسىسى سىتىۋىن روگېر فىشېر ئۆزىنىڭ «كىتاب ئوقۇش تارىخى» ناملىق ئەسىرىنىڭ بېشىدا: «دۇنيادا ئەڭ سىرلىق ئىش كىتاب ئوقۇش... كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ مەڭگۈلۈك مەدەنىيەت ساداسىدۇر»، دەيدۇ.

  1995-يىلىدىن باشلاپ، ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىنى «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، ئىنسانلارنى «كىتاب ئوقۇش جەمئىيىتى» گە چاقىرىشنى ئۈمىد قىلدى.

  كىتاب ___ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مېۋىسى، كىتاب ئوقۇش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئېچىۋېتىشىنىڭ ئۆلچىمىدۇر.

  ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يېزىق تېخى مەيدانغا كەلمىگەن دەۋردە، كىشىلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى كۆپىنچە ئاغزاكى بايان قىلىش، بەلگە ئويۇش، ئارغامچا تۈگۈپ ئىش خاتىرىلەش قاتارلىقلارغا تايانغان. تاكى يېزىق پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئوقۇش تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. تېكىست ئوقۇپ تارقىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەشپىيات، قەغەز ياساش تېخنىكىسى، مىخ مەتبەئە تېخنىكىسى قاتارلىقلار كىتاب بېسىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىشىغا زور تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇردى. يېڭى ئېرا كىرگەندىن كېيىن، رەقەملىك تېخنىكا ۋەكىللىكىدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىنقىلابى ئوقۇش ساھەسىدىكى ئىنقىلابقا يەنە بىر قېتىم تۈرتكە بولدى. ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇش مەھسۇلاتلىرى زور دەرىجىدە ئومۇملىشىپ، قەغەزدىكىنى ئوقۇشتىن «بارماق ئىشلىتىپ» ئوقۇشقا تەرەققىي قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تاللىشى تېخىمۇ مول، تېخىمۇ ئەركىن بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى، مەدەنىيەتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى نامايان قىلدى.

  مەيلى قايسى دەۋردە بولسۇن، ھەممىسىدە شۇ دەۋرگە خاس كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى بولىدۇ.

  بەزىلەر: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-، 90-يىللىرى كىتاب ئوقۇشنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن، دۆلەت دەرۋازىسى ئېچىلىپ، كىتاب ئوقۇش ئېھتىياجى قويۇپ بېرىلگەن بولغاچقا، كىشىلەر كىتابتىن مەنىۋى ئوزۇق ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان، دېيىشىدۇ. ئۇ چاغدا ئالاقە تورى، يان تېلېفون، دوستلار چەمبىرىكى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى يوق ئىدى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىتابخانىدا كىتاب ئوقۇش كەچۈرمىشلىرى بار ئىدى. ھازىر توردا كىتاب سېتىۋېلىش ئومۇميۈزلۈك تاللاش بولۇپ قالدى، توردىن كۆڭۈلدىكىدەك كىتابلارنى سېتىۋېلىش بارغانسېرى ئاسانلاشتى. رەقەملەشتۈرۈش كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، كىتاب ئوقۇش ئاللىقاچان قەغەز كىتاب بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، كىتاب ئوقۇش تېخىمۇ جانلىق، كۆپ خىل شەكىل بىلەن تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كەتتى. لېكىن، كىتاب ئوقۇش ۋاسىتىسىنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، بىردىنبىر ئۆزگەرمەيدىغىنى بىلىمگە بولغان تەشنالىق، كىتاب ئوقۇش بىزگە ئېلىپ كەلگەن كۈچ-قۇدرەتتۇر.

  كىتاب ئوقۇش پايدىلىق، كىتاب ئوقۇش ئەقلىي ئىقتىدارنى ئاشۇرىدۇ، كىتاب ئوقۇش تارىخى شۇنداقلا بىر دەۋر، بىر جەمئىيەت، بىر ئادەمنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخىدۇر. كىتاب ئوقۇش بەلكىم سىزنى شۇ ھامانلا ماددىي بايلىقلارغا ئېرىشتۈرەلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما سىز پاتقاققا چوڭقۇر چۆككەندىمۇ يەنىلا يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قاراپ تۇرالايسىز، قىيىنچىلىقتا قالغاندىمۇ يەنىلا ئۆزىڭىزنى چىڭ ساقلىيالايسىز.

  كىتاب ئوقۇش شۇنداقلا بىر دۆلەتنىڭ مەنىۋى يېتىلىشىنىڭ ئاساسىي يولى. جۇڭگودا «كىتاب ئوقۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئىشنى دۆلەت «قوغدايدۇ». 1997-يىلى ئېلىمىز ھۆكۈمىتى «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش» ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بىلىم قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، 2006- يىلى دۆلەتنىڭ توققۇز مىنىستىرلىق، كومىتېتى ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، 2012-يىلى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2014-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىش» ئۇدا ئالتە قېتىم ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا كىرگۈزۈلدى.

  كىتابخانىغا ياردەم بېرىش، كىتابخانا قۇرۇش، كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش، كۇتۇپخانا قۇرۇش، كىتاب ئوقۇش ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇش... ياخشى كىتاب ئوقۇش مۇھىتى يارىتىش جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇش بولۇپ قالدى، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ھاياتىي كۈچكە تولماقتا. كىتاب ئوقۇيدىغان جەمئىيەتكە يۈزلىنىش ئۈچۈن، ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەرىكەتكە قاتنىشىشىغا توغرا كېلىدۇ.

  كىتاب ئوقۇش — مەڭگۈلۈك مەدەنىيەت ساداسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ