شى جىنپىڭ شەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

«ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەنشىنىڭ يېڭى دەۋردە قوغلاپ ئېشىپ كېتىش يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك

2020.04.24 17:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، كەسىپ زەنجىرىدىكى تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرنى تىرىشىپ يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، شەنشىنىڭ يېڭى دەۋردە قوغلاپ ئېشىپ كېتىش يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك.

  4-ئايدىكى سەنچىن زېمىنىدا ھەممە جاي باھار تۈسىگە كىرگەنىدى. 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇ خېپىڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى ليۇ گوجۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى-كېيىن شاڭلو، ئەنكاڭ، شىئەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، نامرات تاغلىق رايون، مەھەللە، مەكتەپ، كارخانا قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، چىنلىڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  چىنلىڭ تاغ تىزمىسى دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم چىنلىڭنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شىئەن چېگراسى ئىچىدە قانۇنسىز داچا سېلىش مەسىلىسى، چىنلىڭنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى، تەستىق سالدى. 4-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شاڭلو شەھىرى جاشۇي ناھىيەسىگە باردى، ئالدى بىلەن چىنلىڭ تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي بۆلىكىگە جايلاشقان نيۇبېيلياڭ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايونىغا كېلىپ، بۆكەن كالا جىلغىسىغا كىرىپ تەبىئىي ئېكولوگىيەسىنى تەكشۈرۈپ، بۇ يەرنى «كىشىلەر بىلمەيدىغان تەبىئىي ئوكسىگېنخانا ئىكەن» دەپ ماختىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ