مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: ھەم «بالىلار كۆمۈلۈپ كېتىش» ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى، ھەم مۇخبىرلارنىڭ تاياققا تۇتۇلۇش ۋەقەسى قاتتىق تەكشۈرۈلۈشى كېرەك

2020.04.22 17:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېلوغا چېتىشلىق سەككىز گۇماندار ھازىر جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ئىككى كىشى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى. يېقىندا، خېنەن يۈەنياڭدا يۈز بەرگەن «تۆت بالا كۆمۈلۈپ كېتىش» ۋەقەسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇراتتى.

  لېكىن، بىر دولقۇن بېسىقماي تۇرۇپ، يەنە بىر دولقۇن كۆتۈرۈلدى. 4- ئاينىڭ 21- كۈنى، توردا شۇ جايدىكى سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان نەچچە كىشىنىڭ زىيارەتكە بارغان مۇخبىرلارنى ئىتتىرگەنلىكى ۋە ئۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى. شۇ چاغدا بەزى مۇخبىر يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەنى يان تېلېفونى بىلەن سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا، بىراۋ ئۇنىڭ يان تېلېفونىنى بۇلىۋالغان، ھەمدە ئۇنىڭ كىيىمىنى يىرتىۋېتىپ، كۆزەينىكىنى دەسسىۋەتكەن.

  بىر تەرەپتىن «تۆت بالا كۆمۈلۈپ كېتىش» ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئېنىقلانمايۋاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن نەچچە تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ نەق مەيداننى زىيارەت قىلىۋاتقاندا تاياق يېيىشى ۋەقەسى چىقتى. ناۋادا «تۆت بالا كۆمۈلۈپ كېتىش» ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشتىن مەقسەت قازا قىلغانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قايتۇرۇش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھەمدە ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاشتىن ئىبارەت دېيىلسە، ئۇنداقتا تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن تاياققا تۇتۇلغانلىقىنى تەكشۈرۈش بولسا، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قايتۇرۇش، ھەمدە ئېچىنىشلىق ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر.

  نۆۋەتتە، شۇ جايدا يۈز بەرگەن «بالىلارنىڭ كۆمۈلۈپ كېتىش» ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئەڭ مۇھىم بولماقتا. بۇ، پەقەت قازا قىلغانلارغا تەسەللى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئازابنى تۈگىتىپ، تېزدىن بىخەتەرلىكنى تولۇقلاشقىمۇ مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «مۇخبىرلارنىڭ تاياققا تۇتۇلۇش» ۋەقەسىنىڭ يوققا چىقىشىغىمۇ ھەرگىز يول قويۇشقا بولمايدۇ. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئىككى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئارقىسىدا بەزى ئورتاقلىقلار مەۋجۇت، ئۇ بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇنغا، قائىدىگە ۋە بىخەتەرلىك قائىدىسى قاتارلىقلارغا پىسەنت قىلمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان. شۇڭا، ھەرقايسى بىر ئىشنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش نەتىجىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

  تاراتقۇلارنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «تۆت بالا كۆمۈلۈپ كېتىىش» ۋەقەسىدە، بەزىلەر ئۆزىنى ئاقلاپ، «گەرچە ۋەقەگە چېتىشلىق قۇرۇلۇش تۈرىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قۇرۇلۇش قىلىنغىنىغا بىر نەچچە كۈن بولغان بولسىمۇ، كۆپ تارماقلار بۇ باشقۇرۇش تەۋەلىكى دائىرىسىدە ئەمەس» دېگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت قۇرۇلۇش بىخەتەرلىك قائىدىسى مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىقىغا چېتىلىدۇ. گەرچە ئەڭ يېڭى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شۇ جايدىكى نەچچە كىشى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ئىشلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قۇرۇلۇش قىلىشتەك ناچار ئادەت بىر-ئىككى كۈندە پەيدا بولمىغان، بىخەتەرلىك زەنجىرىنىڭ يوچۇقى پەقەت مەلۇم بىر تارماققا چېتىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ھەقىقىي ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگەندىلا، ئاندىن ۋاپات بولغان تۆت بالىغا يۈز كەلگىلى بولىدۇ، ئاندىن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  مۇخبىرلارنى ئۇرغان ۋە ئىتتىرگەن مۇشتۇمزور خادىملارنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكى، نېمە ئۈچۈن مۇخبىرلارنى ئۇرغانلىقىنى ئوخشاشلا ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدۇ. توردا ئاشكارىلانغان مەزمۇندا، قايتا تىلغا ئېلىپ مۇلاھىزە قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇنداق بىر تەپسىلات بار: يەنى، مۇخبىر «تاياققا تۇتۇلغان» شۇ چاغدا، گەرچە يۈەنياڭ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىدىن ئاز دېگەندە بىرەيلەن شۇ نەق مەيداندا بولغان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ خادىم ئالدىغا چىقىپ ئۇ ۋەقەنى توسمىغان. ئۇنداقتا، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت خادىمى ھۋسابلىنىدىغان ئۇ ئەرباپنىڭ سالاھىيىتى زادى نېمە؟ زادى نېمە ئۈچۈن شۇ نەق مەيداندا ئۇ پەيدا بولىدۇ؟ ئۇلارنىڭ مەقسىتى زادى نېمە؟ يەنە كېلىپ نېمە ئۈچۈن ئالاقىدار خادىملارنىڭ مۇخبىرلارنى «ئۇرۇشى»نى توسمايدۇ؟ بۇ تۈرلۈك گۇمانلىق نۇقتىلار كىشىلەرنى ئويغا سالىدۇ. دېمەك، بۇ ئىشقا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ گۇمان قوشۇلدى. بۇ ۋەقەنى ئېنىقلىغىلى بولامدۇ-بولمامدۇ، قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، دېگەندەك پىكىرلەر ئوخشاشلا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

  بارلىق تەرەققىيات پەقەت ئىنسان ئۈچۈندۇر، تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەتمۇ تاراتقۇلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىر جاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەمدە زامانىۋى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنىڭ قانداق بولۇشىمۇ تاراتقۇلارنى سىغدۇرۇش دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا مەسىلە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا مۇھىمى بۇ مەسىلىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشتا. توغرا قاراشقا بولامدۇ؟ بىز بىر تەرەپتىن «بالىلارنىڭ كۆمۈلۈپ كېتىش» ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن «مۇخبىرلارنىڭ تاياققا تۇتۇلۇش» ۋەقەسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنىڭ داۋامىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ