مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇشتا «پەقەت شوئار توۋلاپ، ئەمەلىي نەپ يەتكۈزمەسلىك»كە بولمايدۇ

2020.04.17 17:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «ئاساسىي قاتلامنى قىيناۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى داۋاملىق ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، مەنبەدىن تۈزەش ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىنى يەنىمۇ ھەل قىلىش، كادىرلارنى پۈتۈن زېھنى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ، ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سىياسىي كاپالەت ۋە ھەرىكەت قىبلىنامەسى بىلەن تەمىنلىدى.

  شەكىلۋازلىق ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ھەم قاتتىق يىرگەندۈرگەن، ھەم شەكىلۋازلىق ئىچىگە چوڭقۇر پاتقۇزغان بولۇپ، چوقۇم مەنبەدىن تۈزەش كېرەك. «ئۈستىدە مىڭ تال يىپ، تۆۋەندە بىر تال يىڭنە بار» بولۇش، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكى ئېغىر، بېسىمىنىڭ چوڭ بولۇشى ھەممىگە ئايان. بۇنىڭدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر سەۋەب شۇكى، شەكىلۋازلىقتىن ئىبارەت بۇ نەرسە نۇرغۇن ۋاقىت ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نۇرغۇن زېھنىنى سەرپ قىلماقتا. مەسىلەن، «ئىز قالدۇرۇش»قا ئەھمىيەت بېرىپ، «نەتىجە»گە ئەھمىيەت بەرمەي، ئاساسىي قاتلامدىن سۈرەت، سىن قاتارلىق ماتېرىياللارنى خىزمەت ئىسپاتى قىلىپ تەمىنلەشنى زىيادە تەلەپ قىلىش؛ ئوخشاش بولمىغان تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى دۆۋىلىنىپ، شەكىلگە ئايلىنىپ قېلىش، ئاساسىي قاتلام كۈتۈۋېلىشتىن چارچاپ كېتىش قاتارلىقلار. لېكىن بۇ مەسىلىلەرنى ئاساسىي قاتلامغا تايىنىپلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. خۇددى بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئېيتقاندەك: «گەرچە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ھەممە يەردە ئىز قالدۇرۇشتىن بىزار بولسىمۇ، لېكىن ھازىر ئىز باشقۇرۇشقا تايانماي باشقۇرغاندا، بەزى قىلىدىغاننى قىلمايدىغان كادىرلارنى باشقۇرۇش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ». شەكىلۋازلىقنى ئۈزۈل- كېسىل يوق قىلىش ئۈچۈن، نەتىجە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلدىمۇ-يوق، ئاممىنىڭ باھاسى قانداق بولدى، دېگەننى بىر جاي ياكى ئورۇن خىزمىتىنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ، باھالاشنىڭ «قوماندانلىق تايىقى» ئىقتىدارىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، باھالاشنىڭ «ئالتۇن مىقدارى»نى ئاشۇرۇش كېرەك.

  شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇشتا چوقۇم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش، «قۇرۇق شوئار توۋلاپ ئەمەلىي نەپ بەرمەسلىك»تىن ساقلىنىش كېرەك. شەكىلۋازلىقنىڭ ماھىيىتى دەل «دەبدەبىلىك شەكىلنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، كۆركەم تاشقى قىياپەت بىلەن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى يوشۇرۇش»تۇر، ئاممىباب قىلىپ ئېيتقاندا «ئۆزىنى كۆرسىتىش، ئويۇن قويۇش، ئىش قىلماسلىق»، ھەتتا شەكىلۋازلىق ئارقىلىق شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇش، يېڭى شەكىلۋازلىقنى كونا شەكىلۋازلىقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتۇر. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامنى تەسىرلەندۈرۈش، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى بەزى ئورۇنسىز ئىشلاردىن ھەقىقىي تۈردە چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىش، ئۇلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياراملىق روھىنى ھەقىقىي ئۇرغۇتۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، دەرىجىمۇ دەرىجە ئىشلەپ، دەرىجىمۇ دەرىجە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، شۇ دەرىجىدىكىلەر تۆۋەن دەرىجىلىكلەرنى يېتەكلەشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار شەكىلۋازلىق بىلەن باھالىمىسا، تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلار «باش قاتۇرۇپ سان تۈزمىسە»، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا تەبىئىي ھالدا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن بار بولىدۇ.

  مەسىلىنى ھەل قىلماسلىق دەل ئەڭ چوڭ شەكىلۋازلىقتۇر. ئاساسىي قاتلامنى قىيناۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى داۋاملىق ھەل قىلىش ھەم سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقىنى نامايان قىلىش، ھەم نۆۋەتتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇپ، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، چوقۇم چوڭقۇر تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ