مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گېرمانىيەلىك ئالىم شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئەھۋالى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، دېدى

2020.04.20 17:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيەلىك ئالىم مىشائېل خېينرىخ يېقىندا نېپالدىكى بىر ئاساسىي ئېقىم ئاخبارات تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بايقىشىچە، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مائارىپ ھوقۇقىنىڭ ناھايىتى ياخشى قوغدالغانلىقىنى، شۇ جايدىكى ياشلارنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولغان مائارىپ بايلىقى ۋە پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  ھېينرىخ مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بولۇپ، بېيجىڭدا نېمىس تىلى ئۆگىتىۋاتقىنىغا بەش يىلدىن ئاشتى. ھېينرىخ ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ جۇڭگو مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئەھۋالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ نۇرغۇن ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

  بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ شىنجاڭدا دىنىي مائارىپنى قوبۇل قىلالايدىكەن، شۇنداقلا يەنە توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىپتۇ. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق سىياسەتلەردىن بەھرىمەن بولالايدىكەن، ئىشقا ئورۇنلاشقاندىمۇ ئالاھىدە يېتەكچىلىككە ئېرىشەلەيدىكەن. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىن شىنجاڭنىڭ مائارىپىنى قوللىغانلىقىدىن مىننەتدار ئىكەن.

  ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ مائارىپ سىياسىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مائارىپ بايلىقى، بولۇپمۇ كەسپىي مائارىپ جەھەتتىكى سېلىنمىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتكەن. كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تىرىكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز قولى بىلەن تۇرمۇشىنى ياخشىلىغان.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭ ئىلگىرى تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، بۆلگۈنچىلىكنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان. كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى ئارقىلىق قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش — شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى قوغداشتىكى ئەمەلىي تەدبىر. شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، تېررورلۇق، ئەسەبىيلىكنى چەكلەشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  خېينرىخ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بەزى غەرب تاراتقۇلىرى ۋە بەزى ئامېرىكىلىق سىياسەتۋازلار دائىم «ئىنسانىي ھوقۇق»نى نىقاب قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئاتالمىش ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى بىلەن جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە تۆھمەت قىلىنغان. بۇ تۆھمەتلەردە پاكىتقا پىسەنت قىلىنماي، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان.

  ھېينرىخ ماقالىسىدە ئىلگىرى شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن، شىنجاڭدىكى تەرەققىياتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن زاتلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۆرگەنلىرى بەزى غەرب تاراتقۇلىرى ۋە سىياسەتۋازلارنىڭ تەسۋىرلىگىنىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدالغانلىقىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ