مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2020.04.22 17:49 مەنبە: خەلق تورى

  يىغىندا، نامرات نوپۇس، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خادىملىرى ۋە ئىشسىزلارغا ياردەم بېرىش، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ۋەزنى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ ئاجرىتىپ بېرىش زاپىسىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بولغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى؛ مۇلازىمەت كەسپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا- سانائەتچىلەرنىڭ ئۆي ئىجارىسى بېسىمىنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىش تەدبىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 21-ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا نامرات نوپۇس، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خادىملىرى ۋە ئىشسىزلارغا ياردەم بېرىش، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ ۋەزنى ۋە ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ ئاجرىتىپ بېرىش زاپىسىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بولغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى؛ مۇلازىمەت كەسپىدىكى كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا- سانائەتچىلەرنىڭ ئۆي ئىجارىسى بېسىمىنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىش تەدبىرلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كەلگەن مىسلىسىز خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا تېخىمۇ قاراتمىلىقى بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرگە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىش تېپىپ بېرىپ قۇتقۇزۇش مەبلىغى سېلىش ساھەسى ۋە يولغا قويۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى نىسبىتىنى %10 تىن %15كە ئۆستۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش سېخى، جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنى قاتارلىق ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى كېڭەيتىش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز قايتۇرۇش مۇددىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلىدۇ. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە قايتا نامراتلىشىش، نامراتلىشىش خەۋپى بولۇش ئېھتىمالى بولغان خادىملارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئەمگەك ئىقتىدارى بار نامرات چەت-ياقىدىكى ئاھالىلەرنى نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ياردەم ئۆسۈمى، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىگە كىرگۈزۈپ قوللاشقا بولىدۇ. پائال تەدبىر قوللىنىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەھەر-يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان ھەمدە كىرىمى تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولغان دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق ئىشسىزلارنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، قۇتقۇزۇش قاتارلىق دائىرىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈش كېرەك. يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارنى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، بۇ يىل يولغا قويۇلغان چوڭ ياشلىق ئىشسىزلارنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى ئېلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش، ئىشسىزلىق ياردەم پۇلىنى باسقۇچلۇق يولغا قويۇش، باھا ۋاقىتلىق ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئىشسىزلارغا ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت دائىرىسىنى شەھەر-يېزىلاردىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان بارلىق ئىشسىزلارغا يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە بۇلتۇر 1-ئايدىن بۇيان سۇغۇرتىغا قاتناشقىنىغا بىر يىل بولمىغان ئىشسىز دېھقان ئىشلەمچىلەر باسقۇچلۇق كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ