مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي تاجاۋۇز قىلىش بولسا، ئەخلاق مەدەنىيلىكىنىڭ تۆۋەن چېكىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىقتۇر

2020.04.20 18:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باۋ فامىلىلىك بىراۋنىڭ جىنىسىي دەخلى-تەرۇز جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلوسى تۈپەيلىدىن، يېقىندىن بېرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنىسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر قىزىق نۇقتا مەسىلىسىگە ئايلاندى. 4- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 3- ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى تەپتىش قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنىسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىنى ئۆتكۈزگەن 4151 كىشىنى ئەيىبلەشنى قارار قىلغان. بۇ خىل دېلولار ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 2.2 ئاشقان بولۇپ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئاممىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنىسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش بولسا، بىر خىل ئېغىر جىنايەت بولۇپ، ئۇ ئەخلاق ۋە مەدەنىيەتنىڭ تۆۋەن چېكىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىقتۇر، ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەھدىت سېلىپ، نۇرغۇن ئائىلىلەرنى چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈرۈپ قويدى. دۆلىتىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنىسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىگە قارىتا بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىدە جىنايى جازا بەلگىلەنگەن، ئەدلىيە ئورگانلىرىمۇ بۇنداق جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. لېكىن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنىسىي دەخلى-تەرۇزقىلىش قىلمىشى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا، بەزى جايلاردا يەنە ئۆرلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلمەكتە.

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىنىڭ كۆپ قېتىم يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبىدە ئادەتتىكى دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلولىرى بىلەن ئورتاقلىقى بار ۋە ئۇ خىل سەۋەبنىڭ ئالاھىدىلىكى بار ئىكەن. قۇرامىغا يەتكەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋەسىيلىك قىلىنىدىغان ئالاھىدە ئورۇندا تۇرغانلىقتىن، بەزى جىنايەتچىلەر دائىم ئوقۇتقۇچى قاتارلىق كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە ئائىلە باشلىقى قاتارلىق سالاھىيەت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان، بەزى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشلىرى نەچچە يىلغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. تەربىيەلەش ۋە كۆزىتىپ قاراشتەك ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي تاجاۋۇز قىلىشىدىن ئىبارەت بۇ خىل دېلولار كىشىنى تېخىمۇ ئېچىندۇرىدۇ ۋە كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ.

  ئىجتىمائىي مۇھىت ئامىلىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان سەۋەب. ئىقتىسادتا ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەتتە بىر قەدەر ئارقىدا قالغان بەزى چەت يېزىلاردا يەنە تېخى ئاسراندى كېلىن ۋە بالا قۇدىچىلىق دېگەندەك غەلىتە ئەھۋاللارمۇ بار، ئەر-ئاياللارنىڭ بىللە تۇرۇشتىكى ئەمەلىي يېشىمۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تويلىشىش يېشىدىن تۆۋەن بولغان ئەھۋاللار مەۋجۇت، بۇ خىل ئەھۋال قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى ناھايىتى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلىشىگە زامىن بولىدۇ. تەرەققىي تاپقان رايونلاردا، بەزى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئاتالمىش «مودا تۇرمۇش» ئۇسۇلىنى قوغلىشىش نەتىجىسىدە، قاۋاقخانا ۋە كېچىلىك بەزمىخانا قاتارلىق سورۇنلارغا خالىغانچە بېرىپ تۇرىدۇ ياكى زەھەر چېكىشتەك ناچار ئىللەتنى يۇقتۇرىۋالىدۇ، بۇمۇ ئاسانلا جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق دېلوسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا زامىن بولىدۇ.

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي تاجاۋۇز قىلىش جىنايىتىنىڭ زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. لېكىن، تەھلىل قىلىنىشىچە، ئۇنداق دېلولاردىن پەقەت بىر قىسىم دېلولارلا قانۇن يۈرگۈزۈش تەرتىپىگە ھەقىقىي كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپ قىسىملىرى يەنىلا قانۇن يۈرگۈزۈش تەرتىپىنىڭ سىرتىدا قالماقتا. ئۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى، بەزى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنسىي دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندىن كېيىن قورقۇش ۋە نومۇس قىلىش سەۋەبىدىن، قانداق قىلىشنى ياكى ساقچى ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىش-قىلماسلىقنى بىلەلمەستىن بولىدۇ. بەزى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنسىي دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ھەتتا بۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. 14 ياشقا توشمىغان نارەسىدە قىزلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈلگەندە، ئۇ خىل قىلمىشنى باسقۇنچىلىق جىنايىتى، دەپ بىۋاستە بېكىتىشكە بولغاندىن سىرت، باشقا قىلمىشلارنى باسقۇنچىلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن، دېگىلى بولۇش ئۈچۈن، جىنسىي قىلمىش سادىر قىلىنغانلىقى ۋە ئاياللارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ بولغانلىقى ئىسپاتلىنىشى شەرت، لېكىن، مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلاش ۋە ساقلاش بىر قەدەر قىيىن، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ بولغان-بولمىغانلىقنى ئىسپاتلاش تېخىمۇ تەس. مەجبۇرىي پەسكەشلىك قىلىش قاتارلىق جىنسىي جىنايەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ بايقاش ۋە ئىسپاتلاشتىكى قىيىنلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

  شۇڭا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي تاجاۋۇز قىلىش جىنايىتىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىش، ئۇ بىر قانۇن مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇ بىر ئىجتىمائىي مەسىلىدۇر. چوقۇم كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش ۋە تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى ۋە جىنسىي تەربىيەنى كۈچەيتىش، قالاق قاراش ۋە ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ھېيىقىدىغان قىلىش ھەمدە ئاياللارنى ھۆرمەتلەيدىغان قىلىش، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئۆزىنى قوغداشنى بىلدۈرۈش، ياق دېيىشكە جۈرئەت قىلىدىغان قىلىش كېرەك. جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىگە، بولۇپمۇ ئالاھىدە مەسئۇلىيىتىدىن ۋە مەرتىۋىسىىدىن پايدىلىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتىگە قارىتىلغان زەربىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قاتارلىق كەسپىي توپقا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن-تۈزۈم بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق دېلولىرىنى بايقاش قىيىن بولۇش، ئىسپاتلاش ۋە زەربە بېرىش تەس بولۇش دېگەندەك ھازىرقىدەك ھالەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك.

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋەتەننىڭ غۇنچىلىرى، مىللەتنىڭ كەلگۈسىدۇر. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىنسىي دەخلى-تەرۇز قىلىنىشتىن قوغداش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. پۈتكۈل جەمئىيەت بىردەك ھەرىكەتكە كېلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇھىت ياراتقاندىلا، ئاندىن بىز تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئىگە بولالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ