مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«جۇڭگوغا قارا سۈركەش»نى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز سەۋەنلىكىنى ياپىدىغان دەسمال قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ

2020.04.21 17:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ۋۇخەن شەھىرى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى، ئېنىق دىياگنوز قويۇلۇپ ئۆلگەن بىمارلار سانىنىڭ توغرىلىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، ئارقىدىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ «ئامېرىكىدا ئۆلگەن بىمارلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ ئەمەس، يەر شارى بويىچە ئەڭ كۆپ بولغىنى چوقۇم جۇڭگو، جۇڭگودىكى ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئامېرىكىنىڭكىدىن كۆپ»، دېدى. بۇ قىلچە دەلىل- ئىسپاتسىز سۇبيېكتىپ پەرەز — ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە نەتىجىسىگە قىلغان يەنە بىر قېتىملىق قارا سۈركەش قىلمىشىدۇر.

  «جۇڭگودا ئۆلگەن بىمارلارنىڭ سانى ئامېرىكىنىڭكىدىن كۆپ» دەپ پەرەز قىلىشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر «جۇڭگو يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇرۇش نەزەرىيەسى»نى ئۈزلۈكسىز تارقاتتى. ئۇلار باش قاتۇرۇپ ئۆزىنى چەتكە ئالغان پاكىت شۇكى، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئاشكارا، مەسئۇلىيەتچان بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلارغا يۇقۇم ئەھۋالى ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، يۇقىرى باھاسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ماختىشىغا ئېرىشتى. ۋۇخەن شەھىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار دەل ئاشكارا بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پوزىتسىيەسىنى گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، تارىخقا، خەلققە، قازا قىلغانلارغا مەسئۇل بولغانلىقتۇر.

  جۇڭگودىكى ئۆلگەن بىمارلار سانىنى سۇبيېكتىپ پەرەز قىلىشنىڭ ئارقىسىدا، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جۇڭگوغا قارا سۈركەش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكىلەرنىڭ نەزىرىنى يۆتكىمەكچى بولغانلىق خىيالىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى 700 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ھازىر دۇنيا بويىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار ۋە قازا قىلغان بىمارلار ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالغان. يېقىندا، «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» چوڭقۇر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ترامپ ھۆكۈمىتى جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 70 كۈن ئىچىدە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىنى رەتلەپ چىققان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئېللىپىس شەكىللىك ئىشخانىدىن ئامېرىكا كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزىگىچە، بىر قاتار سىستېمىلىق سەۋەنلىكلەر كۆرۈلۈپ، ئامېرىكا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ كەڭ تارقىلىشىنى ئازايتىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى، دەپ قارىدى. كەسكىن يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىدا، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ خاتالىقىغا بىۋاسىتە يۈزلەنمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە دۆلەت ئىچىنىڭ نەزىرىنى يۆتكەش، زىددىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش غەرىزىدە بولدى، ئۆزىنىڭ سىياسەت جەھەتتىكى سەۋەنلىكىنى ياپماقچى بولدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ دەل جايىدا كۆرسىتىشىچە، ئاقساراي ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشنىڭ ئارىلىقىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان پەيتتە، ترامپ سەۋەنلىكنى ئارتىشقا بولىدىغان زور بىر تۈركۈم بالاغا قالغۇچىلارنى تېپىپ، كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك سەۋەنلىكلىرىگە بولغان دىققىتىنى يۆتكەشكە ئۇرۇنماقتا. CNN مۇ ماقالە يېزىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلدى، لېكىن ئامېرىكا كونترول قىلالمىدى، ئەمەلىيەتتە 2-ئايدا ترامپ جۇڭگونى كۆپ قېتىم ماختىغان ئىدى، پەقەت ئامېرىكىنىڭ ۋەزىيىتى قىيىنلاشقاندا، ئاندىن جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلدى.

  جۇڭگودىكى بىمارلارنىڭ ئۆلۈش سانىنى پەرەز قىلىش، جۇڭگوغا قارا سۈركەشنىڭ ئارقىسىدا، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەكەببۇرلۇقى ۋە ھاكاۋۇرلۇقىنى كۆردۇق. يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو دەل ۋاقتىدا ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ئومۇمىي خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇم ئەھۋالىنى ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلىپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو خەلقى يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن غايەت زور قۇربان بەردى، شۇنداقلا مۇھىم تۆھپە قوشتى، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى. ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئورتاق تونۇشقا توغرا قاراش ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلىش ھەقىقەتەن تەسمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار ئاتالمىش «جۇڭگو يۇقۇم ئەھۋالىنى يوشۇرۇش نەزەرىيەسى»نى ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا بېرىلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇشىنىڭ نامىنى بۇلغاش، سەۋەنلىكنى جۇڭگوغا ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ ئوبرازىنى ھاقارەتلەپ، خەلقئارادا جۇڭگونى يېتىم قالدۇرۇشقا ئۇرۇندى. بۇ خىل يۇقۇم ئەھۋالىدىن پايدىلىنىپ سىياسىي ئويۇن ئويناشتىكى ھىيلە-مىكىر ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ جۇڭگوغا قارىتا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى تەكەببۇرلۇقى ۋە ئاداۋىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى.

  يۇقۇملۇق كېسەللىك ئالدىدا، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى دەل ۋىرۇس. بۇ ئىنسانلار بىلەن ۋىرۇس ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىشىش، ھەرگىزمۇ دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىشىش ئەمەس.

  كەسكىن پەيتتە، چوقۇم تىنچسىزلىق تىركىشىش تەپەككۇرى ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى ئاداۋەتنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇش — شەك- شۈبھىسىزكى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قورالدۇر.

  خۇددى ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس ئېيتقاندەك، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس «ئۆمرىمىزدە كۆرۈلۈپ باقمىغان، شۇڭا مىسلى كۆرۈلمىگەن تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ»، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسى — بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، بۇ خىل ۋىرۇس ۋە ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك ئاقىۋىتىنى تىرىشىپ توسۇشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ