مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا ئوبلاستىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، بىڭتۈەن 5-شى پارتكومىنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭى ماخمۇتجان بارات ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2020.04.22 17:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى بورتالا ئوبلاستىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 5- شى پارتكومىنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭى ماخمۇتجان باراتنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ماخمۇتجان بارات غايە-ئېتىقادىنى يوقاتقان، سىياسىي ئېڭى، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپى يوق، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسىتىپ، باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلەتكەن؛ چەت ئەلگە چىقىپ تەكشۈرۈش مەزگىلىدە لىنىيەنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەن، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە دوكلات قىلمىغان، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ خىزمەت يۆتكەش جەھەتتە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن؛ ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سوۋغاتلىق پۇل، ئىستېمال كارتىلىرىنى قۇبۇل قىلغان ھەمدە تۇغقانلىرىنىڭ سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىشىغا سۈكۈت قىلغان، يول قويغان؛ ئومۇمغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئۆزىنى سەمرىتىپ، دۆلەت مۈلكىنى خىيانەت قىلىپ ئىگىلىۋالغان؛ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، ۋەزىپە تەسىرىدىن پايدىلىنىپ زور مىقداردىكى مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز قۇبۇل قىلغان.

  ماخمۇتجان بارات پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ھەمدە خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىنغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، قول ئۈزمىگەن، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغان، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشىغا يوللاش ئارقىلىق، ماخمۇتجان باراتقا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىنىدۇ؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، چېتىشلىق پۇل-مال دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  ماخمۇتجان باراتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ماخمۇتجان بارات، ئەر، ئۇيغۇر، 1963-يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ جىڭ ناھىيەسىدىن، 1981-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىلى 1- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە (2001-يىلى 7-ئايدا مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار شۆيۈەنىنىڭ پارتىيە تەلىماتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى كەسپىدە ئوقۇغان).

  1978-يىلى 10-ئايدىن 1981-يىلى 7- ئايغىچە بورتالا ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەكتىپىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان؛

  1981-يىلى 7-ئايدىن 1991-يىلى 10- ئايغىچە جىڭ ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان؛

  1991-يىلى 10-ئايدىن 1992-يىلى 5- ئايغىچە بورتالا ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولغان؛

  1992-يىلى 5-ئايدىن 1992-يىلى 12- ئايغىچە بورتالا ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئادۋوكات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

  1992-يىلى 12-ئايدىن 1997-يىلى 5- ئايغىچە بورتالا شەھىرى ئۇتبۇلاق يېزىسىنىڭ باشلىقى بولغان؛

  1997-يىلى 5-ئايدىن 1998-يىلى 4- ئايغىچە بورتالا ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

  1998-يىلى 4-ئايدىن 2001-يىلى 9- ئايغىچە بورتالا شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

  2001-يىلى 9-ئايدىن 2006-يىلى 8- ئايغىچە بورتالا ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

  2006-يىلى 8-ئايدىن 2009-يىلى 11- ئايغىچە بورتالا ئوبلاستى ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  2009-يىلى 11-ئايدىن 2012-يىلى 3- ئايغىچە بورتالا ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

  2012-يىلى 3-ئايدا بورتالا ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بىڭتۈەن 5-شى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭى بولغان.

  (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ