مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قۇدۇقنىڭ «ئادەم يېيىشى»گە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟

ئىككى مەھكىمە، بىر مىنىستىرلىق «قۇدۇق قاپقىقىنى ئوغرىلاش»نىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2020.04.23 17:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دائىم يۈز بېرىۋاتقان قۇدۇقنىڭ «ئادەم يېيىش، ئادەم زەخىملەندۈرۈش» ۋەقەسىگە قارىتا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىكتە پىكىر تارقىتىپ، قۇدۇق قاپقىقىغا ئالاقىدار جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش توغرىسىدا سىستېمىلىق بەلگىلىمە چىقىرىپ، قۇدۇق قاپقىقىغا چېتىشلىق جىنايەتلەرنى قانۇن بويىچە جازالاشنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  قۇدۇق قاپقىقىغا ئالاقىدار جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىش توغرىسىدىكى بۇ يېتەكچى پىكىر جەمئىي 12 ماددا بولۇپ، پىكىرگە ئاساسەن ئىشلىتىلىۋاتقان جەمئىيەتتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولىدىكى قۇدۇق قاپقىقىنى ئوغرىلىغان، بۇزۇۋەتكەن، ئاپتوموبىل، توكلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىش، زىيانغا ئۇچراش خەۋپىنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قاتناش ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنى 119-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  كىشىلەر زىچ ئۆتۈشۈپ تۇرغان موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى، پىيادىلەر يولى، شۇنىڭدەك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئادەم توپلىشىدىغان سورۇنلارنىڭ قۇدۇق قاپقىقىنى ئوغرىلىغان، بۇزۇۋەتكەن، ئاممىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلمىغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى ئومۇمنىڭ ياكى شەخسلەرنىڭ مال-مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنى 115- ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  يۇقىرىقى بەلگىلىمىدىن باشقا سورۇنلارنىڭ قۇدۇق قاپقىنى ئېلىۋېتىشنىڭ تالاپەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئوغرىلىق، بۇزغۇنچىلىق قىلمىشى سادىر قىلىپ، باشقىلارنىڭ زەخىملىنىشى ياكى ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ئەزاسى ۋەن چۈن مۇنداق دېدى: جامائەت سورۇنلىرى، بولۇپمۇ ئادەم، ئاپتوموبىل زىچ توپلاشقان سورۇنلارنىڭ قۇدۇق قاپقىقىنى ئوغرىلاش، بۇزۇۋېتىش قىلمىشى دەخلى- تەرۇز قىلغان قانۇنىي مەنپەئەت ماھىيەتتە ئاممىۋى مال-مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىلا ئەمەس، بەلكى ئاممىۋى بىخەتەرلىك بولىدۇ. بۇنداق جىنايى قىلمىشلارنى ئاددىي ھالدا ئوغرىلىق جىنايىتى ياكى مال-مۈلۈكنى قەستەن ۋەيران قىلىش جىنايىتى بىلەن بېكىتىشكە بولمايدۇ، بەلكى ئاممىۋى خەۋپسىزلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش جەھەتتىكى جىنايەتلەرنى تەتبىقلاپ، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك.

  قۇدۇقىنىڭ «ئادەم يېيىش» مەسىلىسى بىر تەرەپتىن، قۇدۇق قاپقىقى ئوغرىلانغانلىق، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، قۇدۇق قاپقىقىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ باشقۇرۇشقا سەل قارىغانلىقى، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا سۇسلۇق قىلغانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. لېكىن ئۇزاقتىن بۇيان، ئەدلىيە ئورگانلىرى قۇدۇق قاپقىقىنى ئوغرىلاش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق ئادەتتىكى جىنايى ئىشلار جىنايەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ زەربە بېرىپ، قۇدۇق قاپقىقىنى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشى كۈچلۈك بولماي كەلدى.

  شۇڭا، پىكىردە ئالاقىدار باشقۇرغۇچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىنىپ، ۋەزىپىگە ئالاقىدار جىنايەتلەرگە قەتئىي زەربە بېرىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى، مەمۇرىي باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ياكى ھاۋالە بويىچە يۈرگۈزگەن شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىملىرى، شۇنىڭدەك باشقا شىركەت، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق جىنايىتى، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە- كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى، سەۋەنلىك بىلەن ئېغىر زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى، سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە قەتئىي سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ