مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: قارا كۈچلەرنى چوقۇم قانۇن بويىچە جازالاش كېرەككى، قۇرامىغا يەتمىگەن يۇمران بالىلار ھەرگىزمۇ ئۇ خىل قارا كۈچلەرنىڭ تەسىرىدە «يامانغا يولۇقساڭ يالىسى يۇقار» بولمىسۇن!

2020.04.26 18:22 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى «قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان قارا ۋە ۋەھشىي كۈچلەرنى قانۇن بويىچە جازالاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان قارا ۋە ۋەھشىي كۈچلەرنىڭ بەش خىل قىلمىشى، ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان قارا ۋە ۋەھشىي كۈچلەرگە ئېغىر جازا بېرىشتىكى توققۇز خىل ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان مۇشتۇمزورلارنىڭ باش ئۇنسۇرلىرى، تايانچى ئەزالىرى، توپلىغۇچىلىرى، باش جىنايەتچىلىرى ۋە بىۋاسىتە پايدىلانغۇچىلاردىن ئىبارەت بەش خىل كىشىلەرگە ئېغىر جازا بېرىش كېرەكلىكىنى ئېنىق تەلەپ قىلدى؛ ھەم شۇنداقلا، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ۋە خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە زامىن بولغان قارا كۈچلەرنى كۇكۇلىسىدىن تارتىپ چىقىپ ۋە يىلتىزىنى قۇرۇتۇپ، پاكپاكىز تازىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنىمۇ ئېنىق تەلەپ قىلدى. بۇ تەدبىر قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان قارا ۋە ۋەھشىي كۈچلەرنى قاتتىق جازالاشتا، ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بىر دۆلەتنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش دەرىجىسى مەلۇم دەرىجىدە شۇ دۆلەتنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆلچەيدۇ. شۇڭا، بۇ قېتىم ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق قانۇنلار ۋە ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ھەمدە ئۇلارنى قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ «پىكىر»نى تۈزۈپ چىقتى. بۇنىڭدىن مەقسەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدا سەگەك بولۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى قاتتىق جازالايدىغان خەنجەرنى سۈرتۈپ پارقىرىتىش، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدايدىغان توسمىنى ياخشى قوغداشتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا پۈتۈن جەمئىيەتكە ئېنىق بىر سىگنال قويۇپ بېرىلگەنكى: ئۇ بولسىمۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش بولسا، جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن چېكىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىق بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە چوقۇم قانۇننىڭ قاتتىق جالالىشىغا ئۇچرايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۈللىرى ئەمدىلا ئېچىلىۋاتقان نۇرغۇن يۇمران ئۆسمۈرلەر زومىگەرلىككە ۋە رەزىللىككە ئالاقىدار قارا پاتقاققا چوڭقۇر پېتىپ قېلىۋاتىدۇ، بۇ خىل ھادىسە كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش ۋە رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى قارا گۇرۇھلاردىن 2954نى، رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايەت گۇرۇھىدىن 9814نى بىتچىت قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قاتناشقان دېلولار %20نى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن دېلوغا چېتىشلىق بولغانلىرىنىڭ سانى دېلو ئومۇمىي سانىنىڭ %7ىنى ئىگىلىگەن. گەرچە قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن زومىگەرلىك ۋە رەزىللىك جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغان ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنىڭ ئادەم سانى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ سان يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ، قارا-رەزىل جىنايەت تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ياشلىشىشقا يۈزلىنىشى كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قىلمىشىنىڭ زومىگەرلىككە ۋە رەزىللىككە چېتىلىشى تۈپەيلىدىن، ئۇ خىل قىلمىشلار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى، ھەم شۇنداقلا جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ تەرتىپى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق سالدى، شۇڭا ئۇنىڭ تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.

  ئەسلىدە ياشلىق باھارى تازا ئۇرغۇپ، گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقان بۇ قۇرامىغا يەتمىگەن گۆدەكلەر نېمە سەۋەبتىن قارا كۈچلەرنىڭ قورشاپ ئوۋلايدىغان ۋە كونترول قىلىپ قاماللاپ تۇرىدىغان ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى؟ بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى ئاجىز ۋە ياخشى-ياماننى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەن، ئۇلارنى كونترول قىلىش ۋە ئۇلارغا قوماندانلىق قىلىش ئاسان بولغاچقا، ئۇلار ئۇ قارا كۈچ جىنايەتچىلەرنىڭ جىنايى ھەرىكىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن بوشلۇق قالدۇرغان؛ يەنە بىرى بولسا، بەزى قارا كۈچلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنىڭ يېشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىنايى ئىشلارغا سېلىپ، جىنايى جازادىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى كۆزلىگەن. دېمەك، بۇنىڭ سۇبيېكتىپ ئالاھىدىلىكىمۇ ۋە ئوبيېكتىپ ئامىلىمۇ بار بولغاچقا، شۇنىڭ بىلەن بەزى قارا كۈچلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىكى «ئالۋاستى قولى»نى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر توپىغا سوزغان. خۇددى بەزىلەر ئېيتقاندەك، قارا-رەزىل كۈچلەرگە قاتناشقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر گەرچە بەزى قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ جازالانمىغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە شۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆزى قارا-رەزىل كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلار ئۇنداقلارنى بالدۇر بايقاپ، ۋاقتىدا قۇتقۇزۇپ، ھەم مەنبەدىن باشلاپ ھەمدە جەريانىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان قارا ۋە ۋەھشىي كۈچلەردىن ئىبارەت بۇ «زەھەر كاتتىباشلىرى»نىڭ جىنايەت يولىنى چوقۇم ئۈزۈپ تاشلاپ، «كىچىك رەزىللىكلەرنىڭ يىغىلىپ چوڭ ئاپەتكە ئايلىنىشى»نىڭ چوقۇم ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدىلىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزىدىغان قارا ۋە ۋەھشىي كۈچلەرنىڭ جىنايىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش دېگەنلىك، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش، ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش دېگەنلىكتۇر. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش مەسىلىسى بىر تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال خىزمەت بولۇپ، ئۇ مەسىلە بىر جەھەتتىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قارا-رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا قاتنىشىشىغا چېتىشلق بىر مەسىلە بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن ئۇلارنىڭ مەكتەپلەردە زومىگەرلىك قىلىشى، جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىشى، قانۇنسىز ھالدا توردا قەرز بېرىشى ۋە ئويۇنغا خۇمار بولۇپ قېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشتىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تورىنى زىچلاشتۇرۇشتا، چوقۇم قانۇن ۋە بەلگىلىمە بويىچە، ئۇنىۋېرسال ئىدارە قىلىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، قانۇن جەھەتتە، قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، بىرى بايقالغان ھامان دەرھال شۇ بىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئالاقىدار خادىملارغا قاتتىق جازا بېرىش كېرەك؛ مائارىپ جەھەتتە، ئائىلىدە ۋەسىيلىك قىلىش بىلەن بىرگە، مەكتەپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ مۇداپىئە كۆرۈش ئېڭى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ جەمئىيەتتە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قارا نىيەتلىك ۋە رەزىللىككە چېتىشلىق بولغان قىلمىشلار ھەققىدە ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ۋاقتىدا توسۇش كېرەك. پەقەت كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىپ ۋە تەدبىر قوللىنىپ، «بىرىكمە مۇشت» ھاسىل قىلىپ ۋە تەڭ مۇشت چىقارغاندىلا، ئاندىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇن بىلەن زىچ چىتلاپ، ئۇلارنىڭ قۇياش نۇرى ۋە شەبنەم ئاستىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ