خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-قېتىملىق «جۇڭگو ئالەم قاتنىشى كۈنى» ۋە «دۇڭفاڭخۇڭ 1-نومۇر»لۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 23-كۈنى «دۇڭفاڭخۇڭ 1-نومۇر» ۋەزىپىسىگە قاتناشقان پېشقەدەم ئالىملارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدا كەڭ ئالەم قاتنىشى خىزمەتچىلىرىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: «دۇڭفاڭخۇڭ 1-نومۇر» ۋەزىپىسىگە قاتناشقۇچىلار سۈپىتىدە، سىلەرنىڭ ياشلىق باھارىڭلارنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا بېغىشلىغانلىقىڭلار، 90 - 80 ياشقا كىرگەندىمۇ يەنىلا ۋەتىنىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ كەلگۈسىگە رىشتە باغلىغانلىقىڭلار مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 50 يىل ئىلگىرى، «دۇڭفاڭخۇڭ 1-نومۇر» سۈنئىي ھەمراھى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، مەن شىمالىي شەنشىدىكى لياڭجياخېدا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن ھاياجانلانغانىدىم. ئەينى يىلى سىلەر قۇدرەت تېپىشقا بەلنى مەھكەم باغلاپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى پەخىرلەندۈرىدىغان قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئالغا باسىدىغان ئۇلۇغ روھىنى نامايان قىلدىڭلار. پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئالەم قاتنىشى كىشىلىرىنىڭ تۆھپىسى يېڭى جۇڭگونىڭ تارىخ بېتىگە مەھكەم ئويۇلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شارائىتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. يېڭى دەۋردىكى ئالەم قاتنىشى خىزمەتچىلىرى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئالەم قاتنىشى كىشىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بارلىق جاپا-مۇشەققەت، خەتەرلىك توسالغۇلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش قەدىمىنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ يىراققا ئاتلىتىپ، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۇلۇغ ئارزۇسىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ