مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېقىم مىقدارى قوغلىشىشتا «شەرمەندىلىك»نى شەرەپ دەپ بىلىشكە بولمايدۇ

2020.04.26 17:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىلگىرى توردا «مەن ئۆمرۈم بويى ئىشلەمچىلىك قىلىشىم مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆز قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان ئىدى. ئەمما يېقىندا جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن جوۋ فامىلىلىكنىڭ مەلۇم كىنو شىركىتى بىلەن ئون نەچچە مىليون يۈەنلىك يۇقىرى باھادا توختام ئىمزالاشقانلىقى ھەققىدىكى پاراڭ كەڭ تارقالدى. چېڭدۇ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلار بۇ شىركەت بىلەن سۆھبەتلەشتى، جۇڭگو ئېلان جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئويۇن قويۇش كەسپى جەمئىيىتىمۇ ئارقا-ئارقىدىن پىكىر بىلدۈردى. ئەمما نۆۋەتتە بۇ شىركەت جوۋ فامىلىلىك بىلەن توختام ئىمزالىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى. لېكىن، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە، ھەقىقەتەن ئېقىم مىقدارى قوغلىشىشنى ئالدىنقى تاللاش قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

  تور چولپانلىرىنىڭ بازىرى چىقىۋاتقان ئىقتىسادى دەۋردە، ئېقىم مىقدارىنى قوغلىشىش خاتا ئەمەس. بەزىلەر قابىلىيىتىگە تايانسا، بەزىلەر چىرايىغا تايىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بەزى ئۆزگىچە تور چولپانلىرىنىڭ باشقىچە يول تۇتۇپ، ئۆزگىچە يولدا مېڭىشىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدۇ. لېكىن، ھەر قانچە بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن تۆۋەن چەكتىن ھالقىپ كېتىشكە بولمايدۇ. مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى ئەگەر ئادەمنىڭ سەت قىلىلىرى ۋە رەزىللىكىنى ئېقىم مىقدارىنى نەق پۇلغا ئايلاندۇرىدىغان سېتىش نۇقتىسى قىلىۋالسا، مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ كۆپ ئالاقە تورى ساھەسىدە «ناچارلىقنىڭ ياخشىلىقنى قىستاپ چىقىرىۋېتىشى»دەك ناچار يۈزلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. ئېقىم مىقدارىنى جەلپ قىلىشتا ھەرگىزمۇ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پەس ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ماسلىشىشقا بولمايدۇ، مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئىنسان تەبىئىتىدىكى ھەققانىيلىق، ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكنى قېزىپ، ئىجتىمائىي ئاكتىپ كۈچنى تارقاتقاندىلا، ئاندىن قوبۇل قىلغۇچىلار بازىرىنى ھاقىقىي تۈردە قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان كارخانىلارغا قارىتا، ئالاقىدار تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلدى، ساھە جەمئىيەتلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ساھەلەرنىڭ قانۇن-نىزام ۋە سىياسەتلەرگە بويسۇنۇپ، جامائەت تەرتىپى ۋە ياخشى ئادەت تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىشى ئۈچۈن ئېنىق سىگنال بەردى. ئالاقىدار كارخانا ۋە شەخسلەر شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى، مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەيلى قانداق ئەھۋالدا بولسۇن، ئىجتىمائىي ئاساسىي ئېقىم قىممەت قارىشىنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، بۇ كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدىكى تېما بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ مۇقەررەر يولى. ئېقىم مىقدارى كىرىش ئېغىزىغا ئىگە سۇپىلار ئەگەر پىرىنسىپسىز ھالدا چاكىنىلاشقان ۋە يۈزەكى ئۇچۇرلارنى ئابونتلارغا يوللىسا، قىسقا مۇددەت ئىچىدە غايەت زور پايدا تېپىشى مۇمكىن، لېكىن يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، ئۆزىنىڭ ئىناۋىتى ۋە تەسىر كۈچىگە زىيان يېتىدۇ. ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق غەلىبە قىلىش — تېخىمۇ كۆپلىگەن مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ساغلام كەسىپ ئەندىزىسىدۇر.

  تور بوشلۇقى مىليونلىغان خەلقنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى. بۇ مەنىۋى ماكاننى ياخشى قۇرۇش ئۈچۈن، ھەممە ئادەم ئاڭلىق ھالدا ناچار قىزىقتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، ساختا ۋە ئالدامچىلىق بىلەن تولغان، ھەمدە ھۇجۇم قىلىش ۋە تىللاش مەزمۇنى بىلەن تولغان، تېررورلۇق، شەھۋانىيلىق ۋە زوراۋانلىقنى تەرغىب قىلىدىغان ئۇنداق پەسكەش مەزمۇنلارنىڭ بازىرىنى چۇۋۇپ تاشلاش كېرەك. ھازىر تېخنىكا تېخىمۇ كۆپ مەزمۇن تارقىلىش شەكلىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، مۇرەككەپ ئالاقە تورى مۇھىتىدا ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىش ھەر بىر ئادەمنىڭ تاراتقۇ مەۋجۇدلۇقىغا بولغان ئەقىل-پاراسىتىنى سىنىماقتا. «چىنلىق، ياخشىلىق ۋە گۈزەللىك»نى شەرەپ، دەپ بىلىش ھەمدە «ساختىلىق، رەزىللىك ۋە كۆرۈمسىزلىك»نى نومۇس، دەپ بىلىش دەل ھەر قېتىملىق ماۋۇس چېكىپ كۆرۈشكە ۋە ھەر قېتىملىق تارقىتىشقا يۇغۇرۇلغان بولىدۇ. سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ «بارماق ئۇچى كۈچى» مۇجەسسەملىنىپ، پاكىز تور بوشلۇقى قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچلۈك ئىتتىرىش كۈچىگە ئايلىنالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ