مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: ئاشپەزلەرنىڭ قورۇمىغا تۈكۈرۈپ قويۇش قىلمىشىنى قانداق توسۇش كېرەك

2020.05.12 14:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كېيىن، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھىرىدىكى بىر سۇفۇجى ئاشخانىسىدا «مېھمان قورۇمىلارنى قايتا پىشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولغاچقا، ئاشپەز قورۇما قازىنىغا تۈكۈرۈپ قويغان» بۇ خەۋەر ئاشكارا بولغان. 5- ئاينىڭ 10- كۈنى كەچتە، ۋەقەگە چېتىشلىق بولغان بۇ سۇفۇجى تۇرۇشلۇق شەھەرنىڭ لىفاڭ مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئاشخانىنىڭ دەرھال ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىنىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى ھەمدە ئالاقىدار ئاشپەزنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەنتا رايونلۇق بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىمۇ بۇ دۇكاننى تاقاشقا بۇيرۇغان ھەمدە ئۇنىڭغا تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىش جازاسى بەرگەن.

  ئاشپەزنىڭ قورۇما قازىنىغا تۈكۈرۈپ قويۇشى كىشىنى تولىمۇ يىرگەندۈرىدۇ، شۇنداقلا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئاشپەز بولسا، قورۇما ۋە ئاساسلىق يېمەكلىك قاتارلىق بىۋاسىتە ئىستېمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ يېمەك-ئىچمەك يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇداپىئە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر ئاشپەز قورۇمىغا تۈكۈرسە، كەسپىي ئەخلاققا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ، يەنە قانۇننىڭ تۆۋەن چېكىنى دەپسەندە قىلغانلىق بولىدۇ، كېسەللىكنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ.

  ئاشپەز شۇنىڭ ئۈچۈن قورۇما قازىنىغا تۈكۈرۈشكە جۈرئەت قىلغانكى، مەشغۇلات ئۆيى يېپىق ھالەتتە بولغاچقا، باشقىلار ئۇنىڭ مەينەت قىلمىشىنى بىلمەيدۇ، دەپ قارىغان. بۇ خىل تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى تۈگىتىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولسا، مەشغۇلات ئۆيىنى ئوچۇق-ئاشكارا قىلىپ، ئۇنى ئىستېمالچىلار ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىغا قويۇش. ئەمەلىيەتتە، ئەسلىدىكى دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 2014- يىلىدىن باشلاپلا جايلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك كەسپىدىكى «ئوچۇق يورۇق ئاشخانا» خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان، شۇڭا، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى «ئوچۇق يورۇق ئاشخانا»نى ھەر بىر يېمەك-ئىچمەك تىجارەت ئورۇنلىرىغىچە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر بىر يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمەت خادىملىرىنىڭ ھەر بىر مەشغۇلات تەپسىلاتىنى كۆزنەك ۋە ۋىدىئو قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بارلىق تاماق ئورنىدىكى ئىستېمالچىلارغا ئېنىق نامايان قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى قاندۇرۇشى كېرەك.

  يەنە يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت خادىملىرىغا قارىتا قارا تىزىملىك تۈزۈمىنى ئورنىتىش زۆرۈر. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە جامائەتنىڭ يېمەك–ئىچمەكتىكى مەدەنىيەتسىز، ئەخلاقسىز ۋە خەتەرلىك قىلمىشلارغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېمەك–ئىچمەك مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ھەمدە قارا تىزىملىك تۈزۈمىنىڭ شەرتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش زۆرۈر، تاماققا قەستەن تۈكۈرۈپ قويۇش، تاماكا قالدۇقىنى تاشلاش ۋە باشقا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەينەت قىلمىشلارنى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ ئىناۋەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، مەينەتچىلىكنى ئۈستىگە ئالغان يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەتچىلىرىگە «تۈكۈرۈپ قويۇش» قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ بىر مەزگىل ئىچىدىكى كەسىپ بىلەن شۇغۇنللىنىشى چەكلىنىشنىڭ ئاقىۋىتىنى، ھەتتا ئۆمۈرۋايەت كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئالغۇزۇش كېرەك.

  يېمەك ـ ئىچمەك مۇلازىمەت خادىملىرىنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىشمۇ ئاكتىپ ئەھمىيەتكە ئىگە. يېمەك-ئىچمەك ئورۇنلىرى ياكى ساھە جەمئىيەتلىرى قەرەللىك ھالدا يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت خادىملىرىنى ئالاقىدار قانۇن بىلىملىرى، كەسپىي ئەخلاق قائىدىسى ۋە دېلو مىساللىرىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەيدۇ، بۇ يېمەك-ئىچمەك كەسىپكارلىرىنىڭ تەلەپچان بولۇش ئېڭى، ئەخلاق ئېڭى ۋە قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. ئەگەر يەنە يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت خادىملىرىدىن ئۆزئارا نازارەت قىلىشنى تەلەپ قىلسا، ئالاقىدار تىجارەتكە مەسئۇل كىشى ياكى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل كىشى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت خادىملىرىنىڭ مەشغۇلات ھەرىكىتىگە قارىتا جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالسا، «تۈكۈرۈپ قويۇش» قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارنى مەنبەدىن ئازايتقىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ