مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقئارا سېسترالار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق سېسترالارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەم ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى

2020.05.12 14:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا سېسترالار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق سېسترالارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەم ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، سېسترالار ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، زەربىدارلىق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، ئاق خالات كىيىپ ۋەزىپە ئۆتەپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ 1-سېپىدە باتۇرانە ئىشلەپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ھەم شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ھاياتلىقنى ھۆرمەتلەش، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاش، چەكسىز مېھرى-مۇھەببەت يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەرۋىش خىزمىتى – سەھىيە-ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر بارلىق سېسترالارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، سېسترالار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى سەھىيە-ساغلاملىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئىلھام بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلغار تىپلارنى تەشۋىق قىلىپ، مۇنەۋۋەر سېسترالارنىڭ پەرۋىش خىزمىتى بىلەن ئۇزۇن مۇددەت شۇغۇللىنىشىنى قوللىشى كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەت سېسترالارنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشى لازىم. مەن بارلىق سېسترالارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئۆزىنى ھەقىقىي بېغىشلاپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشقا ۋە دۇنيانىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ