مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، لى كېچياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2020.05.09 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 8-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جاپالىق، مىسلىسىز تىرىشچانلىق ئارقىلىق، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا پائال نەتىجە - ئۈنۈملەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز تۈرلۈك خىزمەتلەرنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى، ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى سۈن چىشىن ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇشتۇمتۇت كەلگەن يۇقۇم ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەمكىن تاقابىل تۇرۇپ، كەسكىنلىك بىلەن بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش-داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتا يۇقۇمنىڭ تارقىلىش ۋەزىيىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە توسۇپ، ئىككى ئاي ئەتراپىدا يەرلىكتىكى كۈندىلىك يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىق مىساللىرىنى بىر خانىلىق سان ئىچىدە كونترول قىلىپ، ئۈچ ئاي ئەتراپىدا ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىنىڭ ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردۇق. بىزگە ئوخشاش 1 مىليارد 400 مىليون ئاھالىسى بار چوڭ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ