مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى قېنى جاۋاب بەرمەمسىلەر! ياشانغانلارنىڭ ياشاش ھوقۇقى زادى بارمۇ يوق؟

2020.05.09 18:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياشاش ھوقۇقى ئەڭ ئاساسلىق كىشىلىك ھوقۇقتۇر. ئاپەت يېتىپ كەلگەندە، ئەڭ ئاجىز ئاممىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىش بولسا، بىر ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى سىنايدىغان سىناق تېشىدۇر، ئۇ ھەم شۇنداقلا بىر ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات دەرىجىسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىدۇر. لېكىن يېقىندا، ئامېرىكىدىكى بىر ئوڭ قانات تاراتقۇسىنىڭ مۇھەررىرى بىمەنىلىك بىلەن تولغان مۇنداق بىر غەلىتە تېمىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى: يەنى، يۇقۇم مەزگىلىدىكى ئامېرىكىلىق ياشانغانلارنىڭ مۆلچەردىكى ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقى بولامدۇ؟

  ئۆزىنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە يېقىن تۇتىدىغان ئامېرىكا ئوڭ قانات تاراتقۇلىرى D a i l y W i r e دېگەن بۇ ئاخبارات تورىنىڭ مۇھەررىرى Ben Shapiro ئۇ غەلىتە تېمىدا مۇنداق دېگەن: "81 ياشلىق بىر قېرى كىشىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلۈشى بىلەن 30 ياشلىق بىر ياش كىشىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلۈشى، بۇ ئوخشاش بىر ئۇقۇم ئەمەس. 81 ياشلىق موماي ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە ئۆلۈپ كەتسە، دەرۋەقە ئېچىنىشلىق بىر ئىش بولىدۇ، ئەمما، ئامېرىكىلىقلارنىڭ مۆلچەرلەنگەن ئۆمرى 80 ياش تۇرسا." ئۇ زات سوغۇق قانلىققا تولغان بۇنداق رەھىمسىز سۆزلەر بىلەن بىمارنىڭ يېشىنى «تۇغما گۇناھ» قىلىپ قويۇپ، مەلۇم ياشتىكى ئامېرىكىلىق ياشانغانلار «داۋالاشتىن ۋاز كېچىش»كە بولىدۇ، دېگەندىن بېشارەت بەرگەن. بۇ خىل بىمەنە سۆز باشقا تاراتقۇلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى.

  ئىنسانلارنىڭ پەن-تېخنىكا، داۋالاش ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ياشانغانلارنى قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىشتا، ئەجەبا جەمئىيەت دارۋىنىزمىغا تايىنىشتىن ئوتتۇرىغا چىققان «تەبىئىي شاللىنىش» دەيدىغان ئۇ كونا يولغا چېكىنىش كېرەكمۇ؟ نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىراۋاتقان پەيتىگە ئۈلگۈرتۈپ، بۇ خىل گەپلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىكى مەقسەت ۋە ئۇنىڭدىن ئەكس ئېتىپ تۇرغان مەنتىق كىشىلەرنى تولىمۇ سەسكەندۈرىدۇ.

  كىشىنى تېخىمۇ ئېچىندۇرىدىغىنى سانلىق مولۇماتلار ۋە پاكىتلاردۇر. «بۈگۈنكى ئامېرىكا» ژونىلىنىڭ ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىغا ئېلىپ بارغان تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئاپپاراتلىرى ئىچىدە، دوختۇرخانىدا ياتقان 16 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ۋە ئىشچى-خىزمەتچى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلگەن. نيۇيورك شىتاتى 5- ئاينىڭ 4- كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ شىتاتتا ياشانغانلار ساناتورىيىسى ۋە چوڭلار پەرۋىش ئاپپاراتىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئىچىدە، ئەنگە ئېلىنغان ئادەم سانى ئاز دېگەندە 4813 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئاپپاراتتىلا 71 ئادەم ئۆلگەن.

  4- ئاينىڭ 29- كۈنى ئامېرىكىنىڭ «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى»دا تېمىسى «بىز ياشانغانلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىمىز» دېگەن ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئامېرىكىدا ياشانغان ۋە تېنى ئاجىز كىشىلەر توپىنىڭ ئۆلۈم گىردابىغا ئىتتىرىلىشىدە ئىككى سەۋەب بار: بىرى، ئامېرىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئاپپاراتلىرىدا قۇرۇلما خاراكتېرلىك كەمتۈكلۈك مەۋجۇت. مەسىلەن، مەبلەغ يېتىشمەسلىك، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاز بولۇش ۋە مائاش تۆۋەن بولۇش دېگەندەك. يەنە بىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسقا بولغان ئىنكاسى: ئامېرىكىدا يۇقۇمىنىڭ يۈز بېرىش مەنبەسى سېئاتلنىڭ شەھەر سىرتىدىكى بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسى بولۇپ، ئۇ يەردىكى 40 ئادەم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلگەن. لېكىن شۇنىڭدىن كېيىنمۇ سەھىيە ئەمەلدارلىرى بۇ مەسىلىگە ئېتىبارسىز قاراپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئاپپاراتلىرىدىكى باشقا خادىملار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئالدىن تەكشۈرتمىگەن ۋە ئۇلارغا ئەتراپلىق ئېتىبار بەرمىگەن.

  خارۋارد مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنىڭ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش سىياسىتى پىروفېسسورى مۇنداق دېدى: ياشانغانلار ساناتورىيىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ ئېرىشكەن ماددى بايلىقى ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئىشى ئۇلارغا تېگىشلىك بولغىنىنىڭ تېخى يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ، لېكىن ئۇلار ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولغان ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر پاكىتنى نامايان قىلدى ۋە كۈچەيتتى: يەنى، بىزنىڭچە، ياشانغانلارنىڭ ھاياتىنى باشقىلارنىڭ ھاياتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھېچ قىممىتى يوق ئىكەن.

  رايت بولسا، ۋېرگىنىيە ئىشتاتىنىڭ بىر ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ داۋالاش مۇدىرى بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزى تېخىمۇ ئوچۇق بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ياشانغانلارنى ھەقىقىي تۈردە ئۆلتۈرۈۋاتىمىز، چۈنكى بىزدە مەبلەغ كەمچىل. ئەگەر سىز ۋىرۇسنىڭ رەھىمسىزلىكى نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆرۈنۈشنى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز، ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە كېلىڭ، چۈنكى بۇ جاي ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسىدۇر.

  «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»دىكى سۆز بويىچە ئېيتقاندا، ئامېرىكىدىمۇ «ھەممە ئادەم تۇغۇلۇپلا باراۋەر». لېكىن، يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىدا ئامېرىكىلىقلار «قېرىغاندا باراۋەر بولۇش» ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىگە ئىگە بولالامدۇ؟

  2008- يىلى كورن ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ئىشلىگەن «قېرىغاندا يۆلەنچۈكى يوق» ناملىق فىلىمى 80- نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى فىلىم شەرىپىگە ئېرىشكەن ئىدى. 12 يىلدىن كېيىن، ئامېرىكىلىق ياشانغانلار رېئاللىقتىمۇ ياشانغاندا ھېچقانداق يۆلەنچۈكى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ