خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5- ئاينىڭ 8- كۈنى كەچتە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، 9- ماي كۈنىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پۇتىن ۋە رۇسىيە خەلقىنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر بالايىئاپەتتۇر. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، غايەت زور مىللىي قۇربانلارنى بېرىپ، 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئىنسانلارنى ھالاكەت خەۋپىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. بۇ تارىخنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاشقا ئەرزىيدۇ. جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەت خەلقى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ھەمدە ئۇلۇغ دوستلۇققا ئېرىشىپ، جۇڭگو- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستلۇقىنى پۈتمەس-تۈگىمەس كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغان ئاساسلىق دۆلەت ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئالاھىدە بۇرچنى زىممىسىگە ئالماقتا. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە، 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرى ھەمدە خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوللاپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنى بەرپا قىلغۇچى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى ۋە خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ