مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى توردا يىراقتىن مۇھاكىمە قىلىش-كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

«ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدان ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش»نى چۆرىدەپ كېڭەشتى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.05.09 17:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 5-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدا، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى توردا يىراقتىن مۇھاكىمە قىلىش-كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى، مۇھاكىمە تېمىسى «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدان ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش» بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدان ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاساسىي كاپالىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدان ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدىكى تەمىنات-ئېھتىياج زىددىيىتىنى شارائىتقا قاراپ ھەل قىلىپ، سىياسەت، قانۇن-نىزاملارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەن ساغلاملىق ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك.

  ئون ئەزا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ۋە خېيلۇڭجياڭ، گۇاڭدۇڭ، نىڭشيا تۆت يىغىن مەيدانىدا، شۇنداقلا يان تېلېفوننى ئۇلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق سۆز قىلدى، 120گە يېقىن ئەزا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسى ئارقىلىق پىكىر بەردى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىگە مىسلىسىز ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سېلىنما سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدان ئەسلىھەلىرى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. لېكىن خەلق ئاممىسىنىڭ «پارتلاش خاراكتېرلىك» ئاشقان تەن ساغلاملىق ئېھتىياجى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مەيدان ئەسلىھەلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى يېتىشمەسلىك، ئورۇنلىشىشى تەڭپۇڭ بولماسلىق، تولۇق پايدىلانماسلىق قاتارلىق زىددىيەتلەر يەنىلا گەۋدىلىك بولۇپ، «قەيەرگە بېرىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش» يەنىلا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ