مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش سىياسەت- تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئالاقىدار سىياسەتلەر يولغا قويۇلدى ۋە يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلدى

2020.05.07 16:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 6-ماي گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئالاقىدار سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن جايلار، تارماقلار ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، سەككىز جەھەتتىكى 90 تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرنى دەل جايىدا، كۈچلۈك، ۋاقتىدا يولغا قويدى. بۇ ئاساسلىقى: كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا- سانائەتچىلەرگە قارىتا قوشۇلما قىممەت بېجىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلدى؛ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولغان قاتناش- تىرانسپورت، يېمەك-ئىچمەك، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى كارخانىلارغا قارىتا زىياننى ھېسابقا ئاغدۇرۇش يىل چېكى بەش يىلدىن سەككىز يىلغا ئۇزارتىلدى؛ تۈرلۈك كارخانىلار تاپشۇرىدىغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش سوممىسى ئالدىنقى يېرىم يىلدا 600 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى قايتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، 84 مىليوندىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىگە نەپ يەتكۈزۈلدى؛ ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردىن ئېلىنىدىغان 140 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق يول يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىندى؛ توك باھاسى، گاز باھاسى تۆۋەنلىتىلىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا كارخانىلارنىڭ 67 مىليارد يۈەن يۈكى يېنىكلىتىلدى. تەييارلىق فوندى نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىپ، 1 تىرىليون 750 مىليارد يۈەن مەبلەغ قويۇپ بېرىلدى؛ مەخسۇس تەكرار قەرز پۇلنى تەكرار دىسكونت قىلىش، دۆلەت ئىلكىدىكى چوڭ بانكىلارنى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، كىچىك، مىكرو قەرز پۇل تارقىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، بانكىلارنىڭ سىياسەت خاراكتېرلىك مەخسۇس كرېدىت نورمىسىنى كۆپەيتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق كارخانىلار، بولۇپمۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەر 2.85 تىرىليون يۈەنلىك تۆۋەن تەننەرخلىق قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەندى؛ 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك، مىكرو كارخانىنىڭ 1 تىرىليون يۈەندىن ئارتۇق قەرزىگە قارىتا دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش ياكى ئۆسۈمىنى بېرىش رەسمىيىتى بېجىرىلدى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقى زورايتىلدى. يۇقىرىقى تەدبىرلەرنىڭ ئىجابىي ئۈنۈمى ھازىر كۆرۈلۈۋاتماقتا، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نورمال سەۋىيەگە يەتمەكتە، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقى بەلگىلىك دەرىجىدە پەسەيدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۈرۈشۈشى تەدرىجىي نورماللاشتى. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ