مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

2020.05.07 16:53 مەنبە: خەلق تورى

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش دائىملىق تۈزۈلمە مېخانىزمى تەتقىق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 5-ئاينىڭ 6- كۈنى يىغىن ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش دائىملىق تۈزۈلمە مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خۇبېي قاتارلىق يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر رايونلارغا يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىنىڭ خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى قارار قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى خۇبېي خەلقى ۋە ۋۇخەن خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش، بىمارلارنى قۇتقۇزۇش، ماددىي ئەشياغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تارقىلىشىنى ئەڭ زور كۈچ بىلەن كونترول قىلىپ، مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى مۇداپىئە سېپىنى تىرىشىپ ساقلاپ، جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو ئۈنۈمىنى نامايان قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي ئۇرۇش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يامراش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنمىدى، دۆلەت ئىچىدىكى ئايرىم رايونلاردا توپلىنىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا ناھايىتى زور ئېنىقسىزلىققا ئىگە. خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلىشى جىددىي خاراكتېرلىك ئادەتتىن تاشقىرى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە ئۆزگەردى، لېكىن بۇ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرۇپ، ئارام ئالغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى داۋاملىق ئالاقە گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى كېيىنكى خىزمەتلىرىگە بولغان يېتەكچىلىك ۋە قوللاشنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى. بىمارلارنى داۋالاپ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىپ، دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سىرتتىن كىرشتىن ساقلىنىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاڭلىق قىلماي چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك، ئالدىنقى ئەجىرلەرنى يوققا چىقىرىشقا قەتئىي بولمايدۇ. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرىنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنىڭ نورمال تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. (مەنبەنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ