مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنىپ، دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى تەتقىق قىلىندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى؛ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر قاتار سىياسەتلەر بېكىتىلدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.04.30 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 29-ئاپرېل يىغىن ئېچىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، دائىملىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللايدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، خۇبېي خەلقى، بولۇپمۇ ۋۇخەن خەلقىنىڭ پائال قاتنىشىشى ۋە ماسلىشىشى ئارقىسىدا جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، خۇبېينى قوغداش ئۇرۇشى، ۋۇخەننى قوغداش ئۇرۇشىدا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ ھەقىقەتەن تەستە قولغا كەلگەن. نۆۋەتتە، چېگرا سىرتىدا يۇقۇم ئەھۋالى داۋاملىق ئېشىۋاتىدۇ، ئېلىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشىدىن ساقلىنىش بېسىمى داۋاملىق ئېشىۋاتىدۇ، دۆلەت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىدىن ساقلىنىشنىڭ مۇرەككەپلىكىمۇ ئېشىۋاتىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى چوقۇم ھەر ۋاقىت چىڭىتىش كېرەك، ئەجرىمىز بىكارغا كەتسە ھەرگىز بولمايدۇ. جايلار، تارماقلار دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى چىڭ، ئەمەلىي، ئىنچىكە تۇتۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا باش كۆتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق توپقا قارىتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكنى تەكشۈرۈش، تولۇقلاشنى چىڭ تۇتۇپ، بولۇپمۇ دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋالاش، قۇتقۇزۇشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرى مەھەللىدە ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساقايتىلغان بىمارلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. بېيجىڭ شەھىرى نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. جايلار يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زۆرۈر بولغان خادىملارنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش ۋە ساغلاملىقنى كۆزىتىش تەدبىرلىرىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە تۈرلۈك ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاممىنى زۆرۈر شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلىشى كېرەك. «1-ماي» مەزگىلىدە قاتناش قوراللىرى مەيدان- بېكەتلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، مەنزىرە رايونلىرىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي، جىسمانىي ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ