مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئىران زۇڭتۇڭى روھانى بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.04.28 17:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27- چېسلا كەچتە ئىران زۇڭتۇڭى روھانى بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، ئىران ھۆكۈمىتى ۋە ئىران خەلقىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرغانلىقىغا سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە، جۇڭگو بىلەن ئىران جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو خەلقى ئىران خەلقىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئىرانغا يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تۈركۈملەپ ئەۋەتىپ ياردەم قىلدى ھەمدە دۆلىتىڭلارغا يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتىكى تۇنجى تاشقى داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتتى. جۇڭگو ئىران بىلەن يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە ئىران خەلقى يۇقۇمنى چوقۇم بالدۇرراق يېڭىپ چىقىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ