خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 51- قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 28-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېي يىغىنغا كېرەكسىز نەرسىلەرنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدا دوكلات بەردى؛ گوۋۇيۈەنگە جۇڭگو (خەينەن) ئەركىن سودا سىناق رايونىغا ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرنى ۋاقىتلىق تەڭشەپ يولغا قويۇشقا ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، ئالاقىدار لايىھە، تەكلىپلەرنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ يىغىندا 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جاڭ يېسۈي يىغىنغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلارنى يۆتكەپ باشقۇرۇش توغرىسىدىكى شەرتنامىسى»گە قاراپ چىقىش ئەھۋالى ۋە شەرتنامىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تۈزۈلگەن نۇسخىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ