خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 27- چېسلا كەچتە نېپال زۇڭتۇڭى باندارى بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو خەلقى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ئەڭ قىيىن مەزگىلدىن ئۆتتى. بىز ۋەزىيەتنى باشتىن-ئاخىر سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئۇزاق مۇددەت تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نورمال تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشنىڭ ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمەيدۇ، بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ