خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 27- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 13- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلىشىدىكى تۈپكى سەۋەب شۇكى، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى ئۆزىنىڭ سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. تەرەققىيات مۇھىتى قانچە كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولغانسېرى، ئىسلاھاتنى تېخىمۇ قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش ۋە بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىس زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا ماھىر بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا «جامائەت ساغلاملىقى جىددىي ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «داۋالاش كاپالەت فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «ئىگىلىك تىكلەش تاختىسىدا ئىسلاھات قىلىش ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىش، رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئومۇمىي لايىھەسى»، «مەملىكەت بويىچە مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلىرى ئومۇمىي پىلانى (2021-2035)»، «تەنتەربىيە بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش يىرىك پىلانى (2020-2021)» قاتارلىقلار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.
يىغىندا پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى ئىسلاھات پىكىر يولى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ