مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.05.08 16:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ماي كەچتە ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيوف بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئۆزبېكىستان خەلقىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارشى تۇرغانلىقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، پەقەت ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشلا بۇ دۇنيادىكى توغرا يول ھېسابلىنىدۇ. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى، بەختى، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ كۈرەشتە ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئەڭ كۈچلۈك قورالدۇر. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىقنى ئىختىلاپلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئەقىل بىلەن ئاداۋەتنى تۈگىتىپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتىكى كۈچلۈك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىپ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ماكانىنى قوغدىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ___ جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشى ئەڭ قىيىن ۋاقىتتا، دۆلىتىڭىز ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بەس-بەستە جۇڭگوغا ياردەم قولىنى سۇندى. ئۆزبېكىستاندىكى يۇقۇم ئەھۋالىمۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالماقتا. جۇڭگو ھۆكۈمىتى، ئالاقىدار جايلار ۋە كارخانىلارنىڭ ياردەم ماددىي ئەشيالىرى دۆلىتىڭلارغا ئارقا-ئارقىدىن يەتكۈزۈلدى، ئىككى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى سىن ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇردى. جۇڭگو ئۆزبېكىستاننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋاملىق قوللايدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ. ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق پۇقرالىرىنىڭ نورمال خىزمەت، تۇرمۇشىنى داۋاملىق كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. سىزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭىزدە ئۆزبېكىستان خەلقىنىڭ يۇقۇمنى چوقۇم يېڭەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو- ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى مۇستەھكەم، يوشۇرۇن كۈچى زور. ئىككى تەرەپ داۋاملىق ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى جانلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بېكىتكەن «بىر بەلباغ، بىر يول» تۈرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ