مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: «ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى» بۇنچە تەس بولماسلىقى كېرەك

2020.05.11 16:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: "ياشىيالمىساڭ ياشىما". 5- ئاينىڭ 4- كۈنى، سەپتىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىي خې × × ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا، مېيىپ ھەربىيلەر كىنىشكىسىنى چىقىرىپ يېرىم باھا بېلىتى سېتىۋالماقچى بولغاندا، خىزمەتچى خادىم ئۇنىڭغا قاتتىق پوزىتسىيە بىلەن «كىنىشكە ئىشلىتىلمەيدۇ» دەپ ئۇقتۇرغان. ئارقىدىن، خې X X تولۇق باھادا بېلەت سېتىۋالغان.

  خىزمەتچى خادىمنىڭ مېيىپ ھەربىينى ھاقارەتلىشى كىشىنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرىدۇ. مېيىپ ھەربىيلەر ئېتىباردىن بەھرىمەن بولۇشى مۇۋاپىق ھەم قانۇنلۇق. ھەربىيلەر دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان «پولات سېپىل»، ئۇلار ھەر ۋاقىت جەڭگە ئاتلىنىشقا ياكى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ئاتلىنىشقا تەييار تۇرىدۇ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ھاياتىنى تەقدىم قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا مەيلى رەسمىي ھەربىيلەر بولسۇن ياكى سەپتىن چېكىنگەن مېيىپ ھەربىيلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشى كېرەك. «ھەربىيلەرگە نەپىقە بېرىش نىزامى»نىڭ 36- ماددىسىدىمۇ مېيىپ ھەربىيلەر كىنىشكىسى ئارقىلىق چېگرا ئىچىدە قاتنايدىغان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسلارغا ئالدىن بېلەت سېتىۋېلىشقا، ھەمدە بېلەتنى نورمال بېلەت باھاسىنىڭ %50ى بويىچە كېمەيتىپ سېتىۋېلىشقا بولۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا بولىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن. يەنى خې × × نىڭ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ يېرىم باھالىق بېلەت سېتىۋېلىشى قانۇن ئاساسىغا ئىگە.

  5- ئاينىڭ 7- كۈنى جىلىن شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ بۇ ئەھۋالغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋەقەگە چېتىشلىق كارخانىلارغا مەمۇرىي جازا بېرىش كېرەكلىكى؛ يولۇچى تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ ۋەقەگە چېتىشلىق خىزمەتچى خادىملارنى تەربىيەلىشى ۋە جازالىشى كېرەكلىكى؛ كارخانىنىڭ دەۋالاشقۇچىلاردىن يۈز تۇرانە كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكى قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلدى. بۇنداق بىر تەرەپ قىلىش قارارى جامائەت پىكرىنىڭ قىزغىن مۇھاكىمىسىنى ۋاقتىنچە تىنچىتتى، ئەمما ئۇنى كۆپچىلىكنىڭ غەزىپىنى پۈتۈنلەي بېسىقتۇردى، دېگىلى بولمايدۇ.

  «ھەربىيلەرنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى»دىن «ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى»غىچە بولغان ئۆزگىرىشتە، «قانۇن بويىچە» دېگەن سۆز «دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى»، «ھەربىي خىزمەت قانۇنى» ۋە «ھەربىيلەرگە نەپىقە بېرىش نىزامى» قاتارلىقلارغا ئېنىق كىرگۈزۈلگەن. لېكىن، ئاخبارات خەۋەرلىرىنى رەتلەپ قارايدىغان بولساق، بۇ ھەرگىزمۇ مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ قاتناش قورالىغا ئولتۇرغاندا ھاقارەتكە ئۇچرىشىدىكى تۇنجى دېلو ئەمەس. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ھەم ئەڭ ئاخىرقى دېلو مىسالىمۇ ئەمەس. «ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى»دىن ئىبارەت بۇ سىياسەتنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن، يەنە «ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش»قا يېتەكلەش ۋە جازالاشقا توغرا كېلىدۇ.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن، دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ئۈنۈملۈك ھالدىكى تەشۋىق-تەربىيەسى ئارقىلىق پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ «ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى»غا بولغان كەڭ تونۇشىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، پەقەت «دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى»، «ھەربىي خىزمەت قانۇنى» ۋە «ھەربىيلەرگە نەپىقە بېرىش نىزامى» قاتارلىق دۆلەت مۇداپىئە قانۇن-نىزاملىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش ئارقىلىقلا، «ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى»نى ئاندىن جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىدىغان ئاڭلىق ھالدىكى بىر تۈرلۈك ئاڭغا ۋە تېخىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلغان قانۇنچىلىق قارىشىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاتناش ئارقىلىق سەپەرگە چىقىش، كېسەل كۆرسىتىش، بالنىتسىدا يېتىش، پەرزەنتلىرى مەكتەپكە كىرىش، كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەربىيلەرگە ۋە ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش ۋە بۇ ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «ھەربىيلەرنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇش يولى»نى ئېچىپ بېرىپ، «ھەربىيلەرنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇش مەخسۇس پوكىيى»نى تەسىس قىلىپ، «ھەربىيلەر قانۇن بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىدۇ!» دېگەن ئەسكەرتىش سۆزىنى كۆپەيتىپ، يەرلىكنىڭ ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ھىمايە قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، ھەربىيلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشنى نامايان قىلىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، بەزى كىشىلەرنىڭ «ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى»غا بولغان سۇس تونۇشىنى قاتتىق بولغان قانۇن جاۋابكارلىقى ئارقىلىق تۈزىتىش كېرەك. بەلكىم تىنچلىق يىللىرىدا تۇرغان ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولغانلىقتىن، بەزى كىشىلەر پايدىنىلا كۆزلىگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئېڭى سۇسلىشىپ كەتكەن، نەتىجىدە، «باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلماسلىق، مال-مۈلۈككە ئامراق بولغاندىمۇ ئەخلاققا ۋە قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇش»تەك ئاساسىي ئەخلاق مىزانىغا سەل قارايدىغان بولۇپ قالغان. ماركس ئىلگىرى، "ئارمىيە ئاشلىق ئىشلەپچىقارمايدۇ، لېكىن بىخەتەرلىكنى ئىشلەپچىقىرىدۇ." دېگەن. «ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى» بولسا، ھەربىيلەرنىڭ كەسپىنى ئىنچىكە ئويلاشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ ماھىيىتى دۆلەت مەنپەئىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت، ئۇ، قانۇن ئاساسى ۋە ھېسسىيات ئاساسىغا ئىگە. مېيىپ ھەربىيلەرگە نىسبەتەن ئەسلىدە يېرىم باھادا ئېتىبار بېرىشكە تېگىشلىك بېلەتلەرنىڭ باھاسىنى كېمەيتمەسلىكتىن يەنە ئەۋجى ئېلىپ تېخى ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش، بۇ بولسا، ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە ياخشى ئۆرپ-ئادەت بىلەن بىۋاسىتە قارشىلاشقانلىق، ھەم شۇنداقلا «ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى» توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنىڭ ئەكسى تەرىپىگە قاراپ ماڭغانلىقتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئېتىبار بېرىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قاتتىق جازا بېرىپ، قانۇننىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى نامايان قىلىش كېرەك.

  ئەسكەرلىك دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشىدۇر، «ياشىيالمىساڭ ياشىما» دېگەن سۆز گەرچە بەزى بىر خادىمنىڭ ئاغزى ئىتتىكلىكىدىن چىققان گەپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا بىزنىڭ ھەربىيلەرنى قانۇن بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا بولغان ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىشانىمىزدا يەنىلا كەمچىللىكنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ تۇرماقتا. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، «ياشىيالمىساڭ ياشىما» دېگەن سۆزنى ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسى دەرسىگە ئايلاندۇرۇپ، بەزى كىشىلەرنىڭ نومۇسلۇق دېغى ئارقىلىق ھەربىيلەرنى قانۇن بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىيلەرنىڭ كەسپىي شان-شەرىپىنى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كوللېكتىپ قوغدىشىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ