مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بىلەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېن ئۆزئارا ئاغزاكى خەۋەر يوللىدى

2020.05.11 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، چاۋشيەن دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى جىن جېڭئېنغا ئاغزاكى خەۋەر يوللاپ رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش كومىتېت باشلىقىنىڭ قىزغىن، دوستانە ئاغزاكى خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋېلىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. بۇ يىل 2 - ئايدا، يولداش كومىتېت باشلىقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ماڭا ھال سوراش خېتى ئەۋەتتى ھەم جۇڭگو تەرەپنى مەدەت بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، يولداش كومىتېت باشلىقى ھەمدە چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىنىڭ ماڭا ھەمدە جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى جانلىق شەرھلىدى. مەن بۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن ھەم يۈكسەك باھا بېرىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، جاپالىق، مىسلىسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەنمۇ چاۋشيەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەھۋالى ۋە چاۋشيەن خەلقىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمەن. يولداش كومىتېت باشلىقى چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقىنى يېتەكلەپ بىر قاتار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى ھەم پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، مەن بۇنىڭدىن مەمنۇن بولدۇم ۋە خۇشال بولدۇم. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بىللە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ھەم چاۋشيەن تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن قۇربىنىڭ يېتىشىچە مەدەت بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى تەرەپ ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ مەيدان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەن جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ