مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مۇشۇ سىلەر دېگەن كىشىلىك ھوقۇقمۇ؟

2020.05.09 17:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئەسلى تېمىسى: ئامېرىكىلىق سىياسەتۋازلاردىن سوراپ باقايلى، مۇشۇ سىلەر دېگەن كىشىلىك ھوقۇقمۇ؟

  «ئىنسانپەرۋەرلىككە ھۆرمەت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئادەملەرنى يوقىتىشتا ئامېرىكىنى كەسىپ ئەھلى دېيىشكە بولىدۇ». بۇ، ئامېرىكىنىڭ قۇرۇلغىنىغا يېرىم ئەسىر بولغان پەيتتە، فىرانسىيەلىك مەشھۇر سىياسىي ئوبزورچى توكۋىل «ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيەسى توغرىسىدا» دېگەن ئەسىرىگە يازغان بىر جۈملە داڭلىق سۆزى. 200 يىل ئۆتۈپ كەتتى، توكۋېلنىڭ بۇ بايقىشىنى «ئىنسانىي ھوقۇق قوغدىغۇچىسى» قايتا-قايتا ئىسپاتلاپ بەردى.

  نيۇيوركتىكى جەسەت ساقلاش ئۆيلىرى نورمىدىن ئارتۇق ئىشلىتىلمەكتە، جەسەت ئوراش خالتىلىرى تۈگەپ كەتكەنلىكتىن، ئامالسىز كىرلىك بىلەن جەسەتلەر توشۇلماقتا؛ كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش مەيدانىدا 24 سائەت خىزمەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىندى، نيۇيوركتا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ جەسىتى ئادەمسىز ئارالغا ئېلىپ بېرىلىپ كۆمۈپ قويۇلماقتا؛ داۋالىنىش خىراجىتى يۇقىرى بولغاچقا، سۇغۇرتىسى يوق تۆۋەن قاتلامدىكى بىمارلار داۋالىنىشقا ئامالسىز قالماقتا...

  قىسقىغىنە سەككىز ھەپتە ئىچىدە، ئامېرىكىدا يۇقۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى ۋىيېتنام جەڭ مەيدانىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتتى. ئاستا-ئاستا ئۆرلەۋاتقان سان-سېفىرلار ئارقىسىدا كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلىپ، ئائىلىلەر خانىۋەيران بولماقتا. ھۆكۈمەت كۈچلۈك تاقابىل تۇرمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى سەۋەبلىك، ئامېرىكىدا تىراگېدىيەلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ.

  لېكىن بۇ چاغدا، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى نېمە ئىش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتىدۇ؟ «ئازابلانغانلىقتىن كېچىدە ئۇخلىيالمايدىغان» زۇڭتۇڭ ترامپ داۋىد لاگېرىغا ھەپتە ئاخىرىنى ئۆتكۈزگىلى كەتتى؛ دۆلەت كاتىپى پومپېئو ئۆزىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئورنىدىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان «نۇرغۇن ئىسپات» بارلىقى ھەققىدە جار سالغان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئىسپات چىقىرالمىدى؛ ئاقساراي سودا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ناۋارو، فلورىدا ئىشتاتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى رۇبىئو قاتارلىقلار ئاشۇ بىر قانچە ئاساسسىز سەۋەبنى ئۇيان-بۇيان ئۆرۈپ، ھېچنېمىگە قارىماي جۇڭگوغا تۆھمەت قىلدى...

  ئامېرىكا 100 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىمار سانىنى بىر ئادەمدىن 1 مىليونغا يەتكۈزدى. بۇ 100 كۈن ئىچىدە، ئامېرىكىدىكى سىياسەتۋازلار ئايرىۋېتىش- چەكلەش بۇيرۇقىنى ۋاقتىدا چىقارماي، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تارقىلىشچان زۇكامچىلىكمۇ ئېغىر ئەمەس، دەپ تەرغىب قىلدى، كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈشنى ئىزچىل كەينىگە سۆرىدى... ترامپ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، مۇنداقلا دەپ قويدى، ھەتتا «ئۆلگەنلەر سانى 100 مىڭدىن ئاشمىسا، مېنىڭ خىزمەتنى يامان ئەمەس قىلغانلىقىمنى بىلدۈرىدۇ» دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى؛ پومپىئو، رۇبىئو قاتارلىقلار بىر تەرەپتىن ئىنسانىي ھوقۇق شوئارىنى توۋلاپ جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن مەسئۇلىيەتنى جۇڭگوغا ئارتتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىق بەدەل پۇلىنى تۆلەشنى توختاتتى، كۇبا، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنى جازالىدى. ئۇلار ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى ئالدىدا زۇۋان سۈرمەيلا قالماستىن، يەنە باشقا دۆلەتلەردە تېخىمۇ ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى پەيدا قىلماقچى بولدى.

  ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، توكۋېلنىڭ ئۆتكۈر خۇلاسىسى ئەكسىچە ماختاۋاتقاندەك قىلىدۇ، چۈنكى يۇقۇم ئالدىدا سان-ساناقسىز كىشىلەر قازا قىلدى، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى بولسا ھەتتا «ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش» ئويۇنىنى ئويناشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلماقتا.

  قۇياش نۇرى ئاستىدا، ھېچقانداق يېڭىلىق يوق. ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ چوڭ قۇرۇقلۇققا ماكانلاشقان «بېيىش تارىخى»غا قاراپ باقساق، ئامېرىكىچە ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ نومۇسلۇق لاتىسى ئاستىدا، ئادەم سۆڭەكلىرىنىڭ ئەزەلدىن كەم ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئەسلىي خەلق بولغان ئىندىيانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ھالدا قوغلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى دەل بۇنىڭ دەلىلى؛ چىكاگو تارىخ مۇزېيىدىكى ئامېرىكا نېگىر قۇللىرىنى ئاق تەنلىكلەر قۇل قىلىپ ئەزگەن كۆرۈنۈشلەر دەل بۇنىڭ دەلىلى؛ تىنچ ئوكيان تۆمۈريولىنى ياسىغاندا تارقىلىپ يۈرگەن «ھەر بىر شىپال ئاستىدا بىر جۇڭگولۇق ئىشچىنىڭ جەسەت سۆڭىكى ياتقانلىقى» دەل بۇنىڭ مىسالى؛ ئاق تەنلىك ساقچىلارنىڭ زورلۇق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىشىغا قارشى تۇرغان «نېگىرلارنىڭ جېنىمۇ جان» ھەرىكىتى دەل بۇنىڭ دەلىلى...

  تارىخ بىلەن رېئاللىقنىڭ ئۆزئارا ئەكس ئەتتۈرۈشى ئامېرىكىچە «ئىنسانىي ھوقۇق قارىشى»نىڭ «باشقىلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنى تالان-تاراج قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئاچكۆزلۈكىنى قاندۇرۇش»تىن ئىبارەت چىن مەنىسىنى چوڭقۇر ئاشكارىلىدى.

  ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە. پۈتۈن دۇنيادا ئازراق ۋىجدانى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە شۇنىسى ئايان بولۇشى كېرەككى، ھاياتلىققا سەل قارىغان ئامېرىكىلىق سىياسەتۋازلارنىڭ ئۆزىنى «ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى» دەپ ماختاش سالاھىيىتى يوق. ئۇلار يالغان-ياۋىداق گەپلەرنى توقۇپ چىقالايدۇ، توزاق قۇرالايدۇ، بالا-قازانى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش ئارقىلىق سىياسىي كاپىتالنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشتەك ھىيلە- مىكىرگە بەك ئۇستا، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا ئىنسان تەبىئىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئەڭ ئاددىي-ساددا بىر جۈملە سوئالغا جاۋاب بېرىشى تەس: ئەگەر ۋىجدانىڭلار بار بولسا، تۈمەنلىگەن كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا قارىتا، ۋىجدانىڭلار ئېچىشمامدۇ؟

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ