مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قۇرامىغا يەتمىگەن 175 مىليون تور ئەھلىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى چوقۇم قوغداش كېرەك

2020.05.15 16:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  5-ئاينىڭ 13-كۈنى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش بۆلۈمى، جۇڭگو ئالاقە تورى ئۇچۇر مەركىزى (CNNIC) بىرلىكتە «2019-يىللىق مەملىكەتلىك قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئالاقە تورىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى تەتقىقات دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2019-يىلى دۆلىتىمىزدە قۇرامىغا يەتمىگەن تور ئەھلىنىڭ كۆلىمى 175 مىليونغا يېتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئارىسىدا ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %93.1 كە يەتتى. يان تېلېفون قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان تورغا چىقىش قورالى بولۇپ، ئىشلىتىش نىسبىتى %93.9 كە يەتتى.

  بالدۇر تورغا چىقىش يېڭىلىق ئەمەس، لېكىن تور ۋە يان تېلېفوننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان تەسىرى يەنىلا قۇرامىغا يەتكەنلەرنى ھەيران قالدۇرماقتا. نۇرغۇن كىچىك بالىلارغا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆگىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق، بالىلار ئۆزى ھەپىلىشىپلا ئۆگىنىپ قالماقتا. بەزى بالىلار غەلۋە قىلسا، ئۇلارغا تەسەللى بېرەلەيدىغىنى ئادەتتىكى ئويۇنچۇق ئەمەس، بىر يان تېلېفون ئۇلارنى دەرھال «تىنچلاندۇرالايدۇ». بالىنىڭ ئىككى كۆزى تېلېفونغا تىكىلىپ قاراپ، سېزىمچان ئېكران ئۈستىگە ئۇستىلىق بىلەن بېسىپ ئولتۇرسا، ھېرىپ قالغان ئاتا-ئانىسى دەم ئالالايدۇ، ئەمما بەزى مەسىلىلەر يەنىلا ئادەمنى ئاز-تولا ئەندىشىگە سالىدۇ.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدىكى %32.9 تور ئەھلى ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنلا ئىنتېرنېت تورىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇنىڭدا ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇچرىشىش بار، ھەم پاسسىپ قوبۇل قىلىش بار. تەشەببۇسكارلىق دېگەندە توردا نۇرغۇن كارتون فىلىم ۋە كۆڭۈل ئېچىش كىچىك سىنلىرى بار، يەنە ساناپ تۈگەتكۈسىز تور ئويۇنى بار بولۇپ، بالىلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە. پاسسىپ قوبۇل قىلىش دېگەندە بولسا، يەسلى مائارىپىدىمۇ ئوخشاشلا نۇرغۇن APP بار. كىچىك بالىلارنىڭ تور دەرسى ئوقۇشى كۆپ ئۇچرايدۇ، بالىلار باغچىسىدىكى بالىلارنىڭ دەرس يۈكىمۇ يېنىك ئەمەس. رەقەملىك دەۋردە، ئۆگىنىش ۋە ئويناشنىڭ تور، يان تېلېفون، تەكشى ئېكرانلىق كومپيۇتېر بىلەن بىرىكىش نۇقتىسى بەك كۆپ. تور ئەھلىنىڭ يېشى بارغانسېرى كىچىكلەپ، تور بىلەن ئۇچرىشىش يېشىنىڭ بارغانسېرى بالدۇر بولۇشى تاسادىپىيلىق ئەمەس.

  ھەرقانداق ئىشنىڭ مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى. بالىلارنىڭ تور ۋە يان تېلېفون بىلەن زىيادە «يېقىن ئۇچرىشىشى» يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دائىم ئۆي ئىچىدە ئېكرانغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇش، ھەرىكەت مىقدارى يېتەرلىك بولماسلىق، كۆرۈش ئىقتىدارى چارچاش ئېغىرلىشىپ، «كىچىك سېمىزلەر» ۋە «كىچىك كۆزەينەكلەر» بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش، يانفونپەرەس بولۇپ كېتىشنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان سەلبىي تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولماقتا. توردا زىيانلىق ئۇچۇرلار ئاز ئەمەس، قانۇنسىز ئۇنسۇرلار مەۋھۇم دۇنياغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان بولۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلار پات-پات يۈز بېرىپ تۇرماقتا... بۇلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىشى لازىم، بالىلارغا تورنى مۇۋاپىق ئىشلەتكۈزۈش، بالىلارغا زۆرۈر بولغان بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەھۋالى داۋاملىق ياخشىلاندى، جايلار، يىللىقلار ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇش باشلىدى، مەكتەپلەرنىڭ تور دەرسى تەدرىجىي ئازايماقتا. مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆججەت تارقىتىپ، مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشى، مۇددەتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىشىنى چەكلىدى، مەكتەپ سىرتىدىكى تور دەرسىنىڭ مەزمۇنى ۋە ۋاقىت ئۇزۇنلۇقىمۇ زۆرۈر نازارەتنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۆزى ئۈلگە بولۇشى ئېغىزدا تەربىيە بەرگەندىن ياخشى، بالىلىرىنىڭ ئويۇننى ئاز ئويناپ، يانفونغا ئاز قارىشىنى ئويلىسا، ئاتا-ئانىلار ئۆزىنى تېخىمۇ تەكشۈرۈشى كېرەك. ئاتا-ئانا ۋە بالا تەربىيەسىدە ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىرىنى يېتەكلەپ، شادلىق تەربىيەسى ئاساس قىلىنغان پائالىيەتلەرنى كۆپرەك ئېلىپ بېرىشى، سىرتقا كۆپرەك چىقىپ، تەبىئىيەت بىلەن ئۇچرىشىشى زۆرۈر. تور بوشلۇقىنى ساپلاشتۇرۇش، زىيانلىق ئۇچۇردىن قاتتىق ساقلىنىشتا، تور باشقۇرۇش تارماقلىرى باش تارتىپ بولمايدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توردا قوغداش مېخانىزمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، يان تېلېفون APP لىرىدە «ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئەندىزىسى»نى ئېچىش-ئاچماسلىق ئىختىيار بولۇش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تور رىياسەتچىسىگە «يۇقىرى باھادا تارتۇق بېرىش» قاتارلىقلار ماجرالارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، بۇنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ تۇزەشكە توغرا كېلىدۇ. توردىن پايدىلىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتىلغان جىنايەت ئۆتكۈزۈش دىلولىرىنى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، كۆپكە ئىبرەت قىلىشى كېرەك.

  ئالاقە تورى دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم كۈچ، كۈچلۈك تور دۆلىتى قۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە ئايلاندى. تورنى ياخشى بەرپا قىلىپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ياخشى ئىدارە قىلىپ، ئۆسمۈر-بالىلارنى ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىناق، تەرتىپلىك، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان، قېلىپلاشقان توردا دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى تونۇش، ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى، دۆلەتنىڭ كەلگۈسىگە تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ