شى جىنپىڭ 73-نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە كېڭىشىنىڭ ۋىدىيو يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى

جۇڭگو خەلقنى ئاساس قىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىگە باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلىپ، ھەم ئۆز دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن سالامەتلىكىگە مەسئۇل بولدى ھەم يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى، دەپ تەكىتلىدى

2020.05.19 15:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە 73-نۆۋەتلىك دۇنيا سەھىيە كېڭىشى ۋىدىيو يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە، ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىبارەت 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە تاسادىپىي ۋەقەسى ئالدىدا، ھەر قايسى دۆلەت خەلقى باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇپ، ئېغىر كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزدى. جۇڭگو خەلقنى ئاساس قىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئاشكارا، ئېنىق، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىگە باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلىپ، ھەم ئۆز دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن سالامەتلىكىگە مەسئۇل بولدى ھەم يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر يۇقۇم يەنىلا يامراۋاتىدۇ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە يەنىلا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئافرىقا ئەللىرىنى قوللاشنى كۈچەيتىپ، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيەسىنى ئىدارە قىلىشنى چىڭىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ يەر شارى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بەش چوڭ تەدبىرىنى جاكارلىدى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە، ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە، ئىنسانلارنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، بۇ قېتىمقى دۇنيا سەھىيە كېڭىشى ۋىدىيو يىغىنىنى ئېچىش-ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ تەكىتلىدى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز پەيدا بولدى، ھازىر 210 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا تارقىلىپ، 7 مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسقا تەسىر كۆرسەتتى، 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قىممەتلىك ھاياتىغا زامىن بولدى. مەن بەختكە قارشى قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن ھال سورايمەن. ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تارىخى يەنە كېسەللىك ۋە بالايى-ئاپەت بىلەن بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخى. ۋىرۇسنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، يۇقۇم ئىرق ئايرىمايدۇ. ئەلپازى يامان يۇقۇم ئالدىدا، ھەر قايسى دۆلەت خەلقى باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇپ، ئېغىر كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزۈپ، دۇنياۋى مېھرى-مۇھەببەتنى نامايان قىلىپ، يۇقۇم بىلەن كۈرەش قىلىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ