شى جىنپىڭ سەنشىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، يېڭىچە ۋەزىيەتتە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىش لازىم

2020.05.13 17:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سەنشىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت باش رىتىمى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرلىرىنى تىرىشىپ يېڭىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تېخىمۇ زور قەدەم تاشلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ۋە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، يېڭىچە ۋەزىيەتتە سەنشى ئۆلكىسىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىش لازىم.

  باش يازدا سەنشى زېمىنى يېشىللىققا پۈركەندى، بارلىق مەۋجۇداتلار جانلاندى. شى جىنپىڭ 11- مايدىن 12- مايغىچە سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇ ياڭشېڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى لىن ۋۇنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ داتۇڭ ۋە تەييۈەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، يېزا ئىگىلىك كەسىپ بازىسى، كۆچمەنلەر يېڭى كەنتى، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئورنى، ئىسلاھات ئۈلگە رايونى ۋە كارخانىلار دېگەندەك جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ھەمدە ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ دائىملاشقان خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، ھەم شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  11- چېسلا چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن داتوڭ شەھىرى يۈنجۇ رايونىغا بېرىپ، ئورگانىك سېرىق گۈلنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىش بازىسىنى تەكشۈردى. داتوڭ شەھىرىنىڭ سېرىق گۈل تېرىقچىلىقى 600 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئاساسىي يېتەكچى كەسپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باشلامچى كارخانىلار يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۇلارنىڭ سېرىق گۈل مەھسۇلاتى ۋە سۈپىتى مۇقىم بولدى، سېتىش يوللىرى ۋە باھاسىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولۇش نەتىجىسىدە، ئۆتكەن يىلى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. شى جىنپىڭ ئېتىز بېشىغا بېرىپ، سېرىق گۈلنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېنىغا كەلدى، شى جىنپىڭ ئۇلاردىن سېرىق گۈلنىڭ ئېتىز پەرۋىشى، بازار باھاسى، مەھسۇلاتنى سېتىش يوللىرى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇرتداشلار نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم قانداق قىلغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى مۇستەھكەملەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىپ بېيىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. سېرىق گۈل كەسپىنى ياخشى قوغداپ ۋە ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ھەمدە ئۇنى چوڭ كەسىپ قىلىپ، ھەتتا مەملىكەت بويىچە داڭلىق ماركا قىلىپ، ئۇنى يۇرتداشلارنىڭ بېيىش گۈلىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىش ۋە خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىش ئاساسىدا، پۇقرالارغا كۆپلىگەن ياخشى ۋە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى سىياسىي نەتىجىنى سىنايدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلغان. شى جىنپىڭ تېرىقچىلىق بازىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قوشنا بولغان يۈنجۇ رايونى شىپىڭ بازىرى فاڭچېڭ يېڭى كەنتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ كەنت باشقا جايدىن كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەر كەنتى بولۇپ، بۇ كەنتتە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا تارقىتىپ بېرىلگەن ئائىلىلەردىن 77 ئائىلە، يەنى 158 كىشى بار. ئۇلار 2018-يىلى كۆچۈپ كەلگەندىن بۇيان، سېرىق گۈل ئالاھىدە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ھەممە ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. شى جىنپىڭ كەنتنىڭ ماھارەت تەربىيەسى مۇلازىمەت پونكىتىغا بېرىپ، يېڭى كەنتنىڭ كۆچۈرۈش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، سېرىق گۈل كەسپىگە ئالاقىدار مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى تەكشۈرۈپ، داتوڭ شەھىرىنىڭ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باشقا جايغا كۆچۈرۈش ئاممىنى ياخشى تۇرالغۇغا ئىگە قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئاممىنى بېيىش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئىگە قىلىدۇ. باشقا جايغا كۆچۈرگەندىن كېيىن داۋاملىق يۆلەشنى كۈچەيتىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ يېزا-كەنت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ تۈرىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى ۋە سىجىلچان تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، كەسىپ جەھەتتىن يۆلەش، پۇل مۇئامىلە كىرېدىتى ۋە يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى قاتارلىق جەھەتلەردە سىياسەت چىقىرىپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قوللاش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار چوقۇم ھەم يېزا-كەنت كەسىپ تۈرلىرىنى تەشكىللىگۈچىلەر ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر بولۇشى، ھەم ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىغۇچىلار بولۇشى كېرەك. شى جىنپىڭ بارلىق ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاپالىق تىرىشچانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ