مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاستىدىكى «ئامېرىكا كېسىلى»

2020.05.18 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، نيۇيوركتىكى خات ئارىلىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ جەسىتى مەركەزلىك كۆمۈلگەن سۈرەت خەلقئارا جەمئىيەتنى لەرزىگە سالدى. لېكىن كىشىلەرنىڭ بىلمەيدىغىنى، ئالدىراپلا دەپنە قىلىنغان بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھايات ۋاقتىدا ئۆي-ماكانسىز قالغان، دەپنە ھەققىنى تۆلىيەلمەيدىغان ياكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشالمىغان بىمارلار ئىدى.

  بۇ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈش ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ رەھىمسىزلىكى ۋە ئادالەتسىزلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. پۈتۈن ئامېرىكىنى قاپلىغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا پۇلدارلار، ئىمتىيازلىق تەبىقىلەر ۋە «ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى قويۇق كىشى» لەر ئالدىن تەكشۈرۈلۈپ ۋە تېخىمۇ ياخشى داۋالىنىپ، تاراتقۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى، بۇ، جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىندى.

  يۇقۇم پارتلىغاندىن كېيىن، ئاز سانلىق ئېتنىكلار ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان توپقا ئايلاندى. يېقىنقى بىر ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى ئاق تەنلىكلەرنىڭكىدىن 2.6 ھەسسە يۇقىرى بولغان. ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئاران %13نىلا ئىگىلەيدۇ، لېكىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلگەنلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %27 ىنى ئىگىلىدى. لاتىن ئامېرىكىسى پۇشتىدىن ۋە ئاسىيالىقلار پۇشتىندىن بولغانلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىمۇ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولدى.

  نامرات تەبىقىلەرمۇ يۇقۇمدىكى ئاجىز توپ بولۇپ قالدى. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا 33 مىليون 600 مىڭ ئادەمنىڭ مائاشلىق كېسەل رۇخسىتى يوق، تەخمىنەن 27 مىليون ئادەمنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى يوق. نۇرغۇن نامراتلار داۋالىنىش پۇلىنى تۆلىيەلمەيدىغان بولغاچقا، دوختۇرخانىغا بېرىشقا جۈرئەت قىلالمايدىكەن. گالوپ تەكشۈرۈش شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %14 ئامېرىكىلىق قۇرامىغا يەتكەن كىشى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن تەقدىردىمۇ، پۇلى يوق بولۇش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرىپ داۋالىنىشتىن ۋاز كېچىدىكەن.

  ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى سانى جەمئىي 1 مىليون 400 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، 85 مىڭغا يېقىن ئادەم قازا قىلغان.

  بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ سايلام يىلى بولۇپ، سايلامدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، بىر قىسىم سىياسەتۋازلار يالغان گەپ قىلىپ، بىر- بىرىگە ئىتتىرىپ، ئاممىنىڭ دىققەت نەزىرىنى يۆتكەپ، مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىمىدى.

  ئامېرىكا رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئىقتىسادنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك، دەپ بىلدۈردى. تېكساس ئىشتاتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پاترىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئامېرىكا ئىقتىسادى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن ۋەيران بولسا بولمايدۇ، نۇرغۇن ياشانغانلار دۆلەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشنى خالايدۇ، دېدى. بۇ خىل سۆزلەر كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ باشلىقى ئاندرو كومو بۇنى «ئىجتىمائىي دارۋىنىزم» دەپ ئەيىبلىدى.

  يۇقۇم قاپلىغان ئامېرىكىغا قانداق ئېنىقلىما بېرىش كېرەك؟ يېقىندا، ئامېرىكا «ئاتلانتىك ئوكيان ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ 6-ئايلىق سانىدىكى «بىز بىر مەغلۇپ بولغان دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز» تېمىلىق ماقالىدە، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئامېرىكىنى يىقىتىۋەتمىدى، بەلكى ئۇ ئاللىقاچان ۋەيران بولغان ئامېرىكىنى ئېچىپ بەردى»، دېيىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ