مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: ھازىر دەل ئاممىۋى سەھىيە قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىشنىڭ ۋاقتى

— 2020- يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، جۇڭگو قىياپىتى»نىڭ 2- قىسمى

2020.05.20 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئاممىۋى تازىلىق مەسىلىسى نۇرغۇن ۋەكىللەر ۋە ئەزالارنىڭ قىزغىن مۇزاكىرە قىلىدىغان تېمىسى بولغۇسى. ۋەكىل شياۋ شېڭفاڭ يىغىنغا «توساتتىن يۈز بەرگەن ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەلىرىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى تاپشۇرماقچى بولدى. ئۇ، مەركەز بىلەن جايلار ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇرنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش پىكرىنى تەۋسىيە قىلدى؛ ۋەكىل جاڭ جىڭخۇا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشنىڭ قىزىل سىزىقىغا چېقىلغان جىنايى قىلمىشلارغا ئېغىر جازا بېرىش تەكلىپىنى سۇندى؛ ۋەكىل لى شياۋلىن دۆلەت دەرىجىلىك تارماق ھالقىغان بىرلەشمە جىددىي قۇتقۇزۇش قوماندانلىق سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىشنى ئۈمىد قىلدى. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك ئالاھىدە ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئاممىۋى سەھىيە تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئاممىۋى سەھىيە قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىش مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»دا دىققەتنى تارتىدىغان قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.

  توساتتىن يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە قاتتىق زەربە بەردى، ھەمدە قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش يەنىلا مۇكەممەل بولغان قانۇن سىستېمىسىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە دائىمىي كومىتېتى ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇردى، ئالاقىدار قانۇنلارنى تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېز ھەرىكەتكە كەلدى. ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز سودا قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان يېيىش يامان ئادىتىنى تۈگىتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارارنى قاراپ چىقىپ ماقۇللاشتىن تارتىپ، ھەمدە خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا بەش قېتىم جاۋاب بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار قانۇنلارنىڭ تەتبىقلىنىشى توغرىسىدا نوپۇزلۇق سادا چىقىرىشتىن تارتىپ، يەنە تاكى 26 ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار قانۇن چىقىرىشنى قانات يايدۇرۇشقىچە، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قانۇن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش توسمىسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش، بۇلار ئېلىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەشتە، قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىم ئۇلدۇر. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، بۇ قېتىمقى يۇقۇم دۆلىتىمىزنىڭ زور يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تۈزۈلمە-مېخانىزمىدا، ھەمدە ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قىسىم كەمتۈكلۈكلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

  مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» جۇڭگو خەلقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش، شۇنداقلا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم پۇرسەت. دۆلەتنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خەلق دېموكراتىيەسى شەكلى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئالىي قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى ۋە قارار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ، ئاممىۋى ساغلاملىقنىڭ قانۇنىي كاپالىتىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگوچە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىشتىكى مۇھىم سۇپا بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىشتە ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. دەۋر بولسا ئىمتىھان قەغىزىنى چىقارغۇچى، بىز بولساق جاۋاب بەرگۈچى، خەلق بولسا ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگۈچىدۇر.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 26- ئاپرېل كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى ئاممىۋى سەھىيە قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش ۋە قانۇننى تۈزىتىش خىزمىتى مەخسۇس پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. 2020- يىلىدىن 2021- يىلىغىچە، 17 تۈرلۈك قانۇننى تۈزۈپ ۋە تۈزىتىپ، ئالاقىدار قانۇنلاردىن 13نى ئۇنىۋېرسال بىرتۇتاش پىلانلايدۇ ۋە مۇۋاپىق پەيتتە تۈزىتىدۇ. بۇ، سىستېما قۇرۇلۇشى ۋە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى تېزلىتىش ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىشتەك قەتئىي ئىرادىنى نامايان قىلدى، دەل ۋاقتىدا ئورۇنلۇق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە بولسا، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەلەپ بويىچە، تۈرلۈك قانۇن چىقىرىش ۋە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ رولى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ