مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياردەم پۇلىنى ئىمزا قويۇپ ئېلىش تىزىملىكىدە ئىمزا خېتىنىڭ پوچېركىلىرى نېمە ئۈچۈن بىر خىللا بولۇپ قالدى؟

2020.05.19 15:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، ئىدىيە «كىلاپانى»نى بۇراپ چىڭىتىپ، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنىڭ «تۆۋەن چېكى»نى چىڭ ساقلاش كېرەك. 2020 - يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنى، فۇجيەن ليەنجياڭ ناھىيەلىك مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لى فامىلىلىكنىڭ تىپىك خىيانەتچىلىك دېلوسىغا قارىتا سىستېما ئىچىدە مەخسۇس ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسى بېرىشنى قانات يايدۇردى. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، مەزكۇر ئىدارىنىڭ سابىق باشلىقى خۇاڭ فامىلىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچلۈك ھالدا ئادا قىلمىغانلىقتىن، ئۇ ئەمدى پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلاشتەك قوش جازاغا ئۇچرىدى.

  بۇ ئىشنى بۇ ۋەقە ئۈستىدە ليەنجياڭ ناھىيىلىك پارتكوم تەكشۈرۈش 4- گۇرۇپپىسى ناھىيىلىك مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى ئىدارىسىگە كىرىپ كۆزىتىپ تەكشۈرۈش قىلغان ۋاقتتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. كۆزىتىش مەزگىلىدە، خىزمەتچى خادىملار مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى ئىدارىسىدە ئاز سانلىق مىللەت كۆچۈرۈلگۈچىلەرگە ياردەم پۇلى تارقىتىش تىزىملىكىدە نەچچە كىشىنىڭ قويغان ئىمزا خېتىنىڭ پوچېركىلىرىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقاپ، نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئىگىلىگەن ئەھۋالنى ئاز سانلىق مىللەت كۆچۈرۈلگۈچىلەرگە ئالاقىدار ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى تەمىنلىگەن تىزىملىك بىلەن سېلىشتۇردى. سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ياردەم پۇلى ئالغانلار تىزىملىكىدىكى 127 ئائىلە ئىچىدە پەقەت 51 ئائىلىلا تارقىتىپ بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغان ليەنجياڭ ناھىيەسى نەنلىڭ يىنشېڭ يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە تەرەققىيات ئۇنىۋېرسال مەيدانىدا ئەمەلىي تىجارەت ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ناھىيىلىك مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ كادىرى لېي فامىلىلىكنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەخسۇس مەبلىغىنى تارقىتىش جەريانىدىكى بىر قاتار بىنورمال ئەھۋالنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشنى قارار قىلدى.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ سۈرۈشتۈرۈشى ئالدىدا، لېي فامىلىلىك ئەھۋالنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنى قاچۇردى ۋە «بۇ مەسىلىلەر مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، مەن پەقەت تارقىتىشقىلا مەسئۇل، سىلەر دېگەن ئەھۋالنى چۈشەنمەيمەن» دەپ جاۋاب بەردى.

  لېكىن، قارىماققا تىپتىنچ كۆرۈنگەندەك تۇرغان لېي فامىلىلىكنىڭ كۆڭلى دەككە-دۈككىدە ئىدى. ئىشنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، لېي فامىلىلىك تەرەپ-تەرەپ قاتىراپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلاپ، بىر تەرەپتىن ئىلگىرى ئالداپ ئېلىۋالغان بىر قىسىم ياردەم پۇللارنى كۆچۈرۈلگەن كەنت ئاھالىلىرىگە قايتۇرۇپ بەردى، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالدى.

  كۆزىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى لېي فامىلىلىكنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىنى خىيانەت قىلىش ئېھتىماللىقى بولۇشتەك مەسىلىلەرنىڭ يىپ ئۇچىنى ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لېي فامىلىلىكنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشتەك يۇقىرىدا ئېيتىلغان مەسىلىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى. يۇقىرى دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن، ليەنجياڭ ناھىيەلىك رېۋىزىيە كومىتېتى لېي فامىلىلىكنى ئېلىپ قېلىش تەدبىرى قوللىنىپ تەكشۈردى. ئاخىرىدا، بىر قاتار دەلىل-ئىسپاتلار ئالدىدا، لېي فامىلىلىك ئۆزىنىڭ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپ پاكىتلىرى بىلەن مەسىلە تاپشۇردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 2012- يىلى 1- ئايدىن 2017- يىلى 3- ئايغىچە لېي فامىلىلىك ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياردەم پۇلى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كۆچۈرۈش ياردەم پۇلى قاتارلىق تۈرلۈك مەخسۇس مەبلەغلەرنى ۋە ئومۇمنىڭ 765 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى يۇتۇۋېلىپ، ئوغرىلىۋېلىپ ۋە ئالداپ ئېلىۋېلىپ، شەخسىي كۈندىلىك چىقىمغا ئىشلەتكەن. مانا ئەمدى لېي فامىلىلىك ئاخىرى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى، ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپ بولغان پۇللىرى قايتۇرۇۋېلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى ھەمدە 200 مىڭ يۈەن ئىشتراپ قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ