مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ سىرى لانكا زۇڭتۇڭى گوتابايا بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.05.14 17:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە سىرى لانكا زۇڭتۇڭى گوتابايا بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، سىرى لانكا جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە زاتلار جۇڭگونى پائال قوللىدى، نۇرغۇن ئىللىقلىق يەتكۈزۈش تەدبىرى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. سىزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭىزدە، سىرى لانكا يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى ئۈنۈملۈك توستى. جۇڭگو سىرى لانكا تەرەپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، داۋاملىق كۈچلۈك مەدەت ۋە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. سىرى لانكا خەلقىنىڭ جەزمەن يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇر غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. سىرى لانكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە سىرى لانكىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىغا كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت. جۇڭگو جۇڭگودا تۇرۇۋاتقان سىرى لانكا پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىدۇ. جۇڭگو سىرى لانكا قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىللە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، خەلقئارا بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، قول تۇتۇشۇپ بۇ مەيدان ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ