مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى غەربىي شىمال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ تيەنسەي تەكشۈرۈلدى

2020.05.13 16:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى، شەنشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى غەربىي شىمال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ۋاڭ تيەنسەي ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، ھازىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ.

  ۋاڭ تيەنسەينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ۋاڭ تيەنسەي، ئەر، خەنزۇ، 1954- يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان، شەنشى چېڭچېڭدىن، تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 1982-يىلى 2-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1988-يىلى 9- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

  1978-يىلى 2-ئايدىن 1982-يىلى 2- ئايغىچە، شىئەن قاتناش داشۆسىنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان؛

  1982-يىلى 2-ئايدىن 1985-يىلى 2- ئايغىچە، غەربىي جەنۇب ئېلېكتېر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باش تەڭشەش ئورنىدا ئىشلىگەن؛

  1985-يىلى 2-ئايدىن 1997-يىلى 9- ئايغىچە، غەربىي شىمال ئېلېكتېر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باش تەڭشەش ئورنىدا ئىشلىگەن، تەڭشەش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى، قوشۇمچە تەڭشەش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، تەڭشەش ئالاقە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى، قوشۇمچە كارخانا باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، باش تەڭشەش ئالاقە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

  1997-يىلى 9-ئايدىن 1999-يىلى 1- ئايغىچە، غەربىي شىمال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى گۇرۇھى شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش-تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  1999-يىلى 1-ئايدىن 2005-يىلى 1- ئايغىچە، شەنشى ئۆلكىلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى تەڭشەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى، قوشۇمچە تەڭشەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، باش ئىنژېنېرى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، قوشۇمچە باش ئىنژېنېرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

  2005-يىلى 1-ئايدىن 2013-يىلى 11- ئايغىچە، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى غەربىي شىمال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛

  2013-يىلى 11-ئايدىن 2015-يىلى 5- ئايغىچە، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى غەربىي شىمال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى (مەھكىمە، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك) بولغان؛

  2015-يىلى 5-ئايدا پېنسىيەگە چىققان.

  (مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىسى، شەنشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ