مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ كورىيە زۇڭتۇڭى مۇن جايئىن بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.05.14 16:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13- ماي كەچتە كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جايئىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو-كورېيە ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى. يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگو بىلەن كورىيە باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ، جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، بىر-بىرىگە ياردەم بەردى. جۇڭگو بىلەن كورېيە بىرلەشمە مۇداپىئە-بىرلەشمە كونترول ھەمكارلىق مېخانىزمىنى باشلامچىلىق بىلەن ئورنىتىپ، يۇقۇم ئەھۋالىدا «سىرتتىن يۇقتۇرغانلار يوق» بولۇش رېكورتىنى ئۆزئارا ياراتتى. ئىككى تەرەپ يەنە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئالدى بىلەن مۇھىم جىددىي ئېھتىياجلىق خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىش تېز يولىنى ئېچىپ، رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ۋە ئەشيا ئوبوروتى زەنجىرىنىڭ راۋان يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ئۈنۈملۈك بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇ ھەمكارلىق يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلدى، ھەمدە «ياخشى قوشنا ئالتۇنغا تېگىشىلمەيدۇ» دېگەن قائىدىنىمۇ ئىزاھلىدى، ھەم شۇنداقلا پۈتۈن يەر شارى بويىچە يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق تەجرىبە توپلاپ، ھەمكارلىق بويىچە ئۈلگە ئورناتتى. جۇڭگو جەزمەن كورىيە بىلەن بىرلىكتە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلەشمە كونترول قىلىش، ھەمدە دورا ۋە ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەم شۇنداقلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، ب د ت، 20 دۆلەت گۇرۇھى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ ئارا ۋە خەلقئارا بويىچە يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ