مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۇنۋان باھالاش «قوماندانلىق تايىقى» ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش لازىم

2020.05.18 17:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئۇنۋان باھالاش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ تىرىشىدىكەن، لېكىن باھالانغان ھامان تۈرلۈك بوشاڭلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، غەيرىتى قالمايدىكەن. مەسىلەن، بەزىلەر ئالىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ناھايىتى تېزلا مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىسىگە ئۆزگىرىدىكەن ياكى باشقۇرۇش ئورنىغا يۆتكىلىدىكەن، بەزىلىرى پىروفېسسور بولۇپ باھالانغاندىن كېيىن 10 يىلدىمۇ بىرەر پارچە ماقالە يازمايدىكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، بەزى جايلاردا يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋان سانى قىس بولۇپ، نۇرغۇن ياش ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنى ھەر قانچە تىرىشسىمۇ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش يېشىغا يەتمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ، بوشىشىپ كېتىپ، غەيرىتى كەمچىل بولىدىكەن.

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «ئۇنۋان باھالانسىلا بىكارچى بولۇش» سەۋەبى كۆپ تەرەپلىمىلىك، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالامەتلىك سەۋەبى، ئائىلە بىلەن خىزمەتكە تەڭ ئېتىبار بېرىش تەس بولۇش قاتارلىق ئامىللار بار، يەنە مەكتەپ باشقۇرۇش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرمۇ بار بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن داڭلىق ئوقۇتقۇچىلاردا يېڭى تەرەققىيات نىشانى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كەمچىل بولماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاشتا «ئۆرلەش بار، چۈشۈش يوق» بولۇش، ھەمدە ئۇنۋان باھالانغاندىن كېيىنكى نازارەت قىلىش مېخانىزمى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبلىك، ئوقۇتقۇچىلار يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشكەندىن كېيىن كۈرەش قىلماسلىقىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس.

  ئېلىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ئۇنۋان تۈزۈمى لايىھەسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى باھالاپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش ئوربىتىسىنى بەرپا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلغان. ئەمەلىيەتتە «ئالىي ئۇنۋانلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەيرىتى كەمچىل بولۇش، ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باھالىنىشى تەس بولۇش، غەيرىتى كەمچىل بولۇش» ئەھۋالى ئۇنۋان تۈزۈمى ئورنىتىشنىڭ دەسلەپكى ئارزۇسىغا خىلاپ. ئەمەلىي ئىجرا قىلىش جەريانىدا تەدرىجىي كۆرۈلگەن بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇنۋان باھالاشتىن ئىبارەت بۇ «قوماندانلىق تايىقى»دىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئاسارەتنى تۈگىتىپ، 1-سەپتىكى ئىختىساسلىقلارنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتۇشقا ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك.

  ئۇنۋان باھالاش ئۆلچىمىدە ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەمىليەتتە مەكتەپتىلا ئەمەس، بەزى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار مەۋجۇت: ئۇنۋان باھالاشتا سالاھىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش، پېشقەدەم ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇنۋان باھالانغاندىن كېيىن «كېمە پىرىستانغا، ئاپتوموبىل بېكەتكە كەلدى» دەپ توختاپ قېلىش، خىزمەتتە ئاسانلا بوشاڭلىق قىلىش كۆرۈلىدۇ؛ ياش ئىشچى- خىزمەتچىلەر «ئەڭ ئېغىر ئىش قىلىپ، ئەڭ ئاز پۇل ئالىدۇ»، يۇقىرى ئۆرلەش يولى توسۇلۇپ قالغانلىتىن، غەيرەتكە كېلەلمەيدۇ... ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇنۋان باھالانغاندىن كېيىنمۇ كەسپىي جەھەتتە ئالغا بېسىشى ھەم خىزمەت قىزغىنلىقى ۋە ئاكتىپلىقىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن، بىر سىزغۇچ بىلەن ئاخىرغىچە ئۆلچەشتىن ساقلىنىپ، «نېمە قىلسا، شۇنى باھالاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، «ئوقۇش تارىخى، خىزمەت ئىستاژى، ئىلمىي ماقالە»گىلا قاراش قاتارلىق خاھىشلارنى تۈگىتىپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ئىلمىي، ئوبيېكتىپ، ئادىل باھالاش، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچكە ئىگە قىلىش، تۆھپە ياراتقان ئىختىساسلىقلارنى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئۇنۋان تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىدە «ئۆمۈرلۈك تۈزۈم»دىن ساقلىنىش كېرەك. «باھالانغانلارنىڭ غەيرىتى كەمچىل بولۇش، باھالانمىغانلار دادىل بولماسلىق»تەك غەلىتە چەمبىرەك يەنىلا يۈرۈشلەشكەن تۈزۈم يوق بولغانلىقتىن پەيدا بولغان. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئادەم ئىشلىتىشتىكى مۇستەقىللىق دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئىشتات ۋە ئۇنۋان ئۇقۇمىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننى «قابىلىيەتلىكلەر كۆپ ئىشلەش، قابىلىيەتلىكلەر كۆپ ئېرىشىش» ئىدىيەسىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم؛ ئۇنۋان بىلەن تەمىناتنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئىش ئورنى دەرىجىسىدە ئۆرلىيەلەيدىغان ۋە تۆۋەنلىيەلەيدىغان دائىملاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ياردەم پۇلىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت مۆلچەرىنى ياخشىلاش، ئالىي ئۇنۋان ئالغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش لازىم؛ داڭلىق ئۇستاز خىزمەتخانىسى، «ئاق چاچلىقلار» لېكسىيە سۆزلەش پىلانى، ئۇستاز شاگىرت يېتەكلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئالىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەۋزەل بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ياش ئوقۇتقۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يەنىمۇ يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئۇلارنىڭ مائارىپقا داۋاملىق ئاتلىنىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ