مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى تەتقىق قىلىندى؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش دائىملىق تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش تەتقىق قىلىندى؛ كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش تەتقىق قىلىندى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.05.15 16:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى يىغىن ئېچىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش دائىملىق تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى؛ كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى تەتقىق قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چېگرا سىرتىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، دۆلەت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر. بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى، تەلەي سىناش پىسخىكىسى، بوشىشىش روھىي ھالىتىنى قەتئىي تۈگىتىپ، سىرتقا قارىتا كىرشتىن ساقلىنىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا باش كۆتۈرۈشتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى داۋاملىق، ئەمەلىي، چىڭ، ئىنچىكە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى تەستە كەلگەن نەتىجىلەرنى يوققا چىقىرىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق سورۇنلاردا ئىچكى جەھەتتە قايتا باش كۆتۈرۈشتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. خېيلۇڭجياڭ، جىلىن قاتارلىق يېقىندا توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم يۈز بەرگەن رايونلار ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىشى كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى ۋە ۋۇخەن شەھىرى مەھەللىدە ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى لازىم، گوۋۇيۈەن بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش، بىرلەشمە كونترول قىلىش مېخانىزمى ۋۇخەن ئالاقە گۇرۇپپىسى يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. بېيجىڭ شەھىرى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا كۈچەيتىپ، ھەمراھ بولۇش ۋە يوقلاشنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نورمال داۋالاش تەرتىپىنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش دائىملىق تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. جايلار يېقىندا توپلىنىش خاراكتېرلىك يۇقۇم يۈز بەرگەن رايونلارنىڭ ساۋىقىنى ئەستايىدىل قۇبۇل قىلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىۋېلىش، ئۆز جايىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى يوچۇقلارنى قايتا تەكشۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇھىم نۇقتىسىنى قايتا مۇستەھكەملەش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىنى يەنە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقۇمنىڭ قايتا باش كۆتۈرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچلۈك بولمىغانلىرىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ياز پەسلىدىكى ھاۋا رايىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەلىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنى ئىلمىي قوغدىنىشقا تەربىيە بېرىپ يېتەكلەش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ