خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17- ماي بېيجىڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بارلىق پاكىستانلىق ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت يازدى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ بىلىم ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنى جۇڭگو ياشلىرى بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلىشقا، ھەمدە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ياشلىرى بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئەل رايىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
شى جىنپىڭ جاۋاب خەتتە مۇنۇلارنى دېگەن: سىلەرنىڭ جۇڭگوغا ئوقۇشقا كەلگەندىن بۇيان، مول بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، نۇرغۇن جۇڭگولۇق دوستلار بىلەن تونۇشقانلىقىڭلارنى بىلدىم، ھەمدە سىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجەڭلاردىن خۇشال بولدۇم.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خۇددى سىلەر ھېس قىلغاندەك، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە مەكتەپلەر جۇڭگودىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپچىلىككە ھەر تەرەپلىمە ياردەم بەردى. ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، مەيلى جۇڭگولۇق ياكى جۇڭگودىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاسرايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن مەزگىلدە، نۇرغۇن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىگە مەدەت بەرگەنلىكىنى ئىگىلىدىم. ئېغىر كۈنلەردە ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرگىلى بولىدۇ. جۇڭگو جۇڭگودىكى بارلىق چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا داۋاملىق تۈردە ھەر خىل ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ بىلىم ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگونى كۆپرەك چۈشىنىشىنى، دۇنياغا سىلەر كۆرگەن جۇڭگونى كۆپرەك سۆزلىشىڭلارنى، جۇڭگو ياشلىرى بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشىڭلارنى، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت ياشلىرى بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئەل رايىغا ماسلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ