مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مىكرو كۆرۈنۈش · باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى يىغىندا «ئۆمەك، تەشكىلاتلارغا بېرىشى»

2020.05.24 15:49 مەنبە: خەلق تورى

  ۋاقىت: 5-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن

  كۈنتەرتىپ: باش شۇجى شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى



  «پۇقراۋى كارخانىلار جۇڭگونىڭ ئۈمىدگە تولغان ئېتىزىدا ئۆسۈپ يېتىلمەكتە».

  «20 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يۆنىلىشى قانداق؟»

  يىغىن مەيدانىدا، ئەزا ليۇ يۇڭخاۋنىڭ سۆزىدە بۇ يىل يېڭى شىۋاڭ گۇرۇھىنىڭ 20 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆز قىستۇرۇپ سورىدى.

  _ «چوشقا بېقىش، يېمەكلىك پىششىقلاش ۋە ئەشيا ئوبورتى. بۇ يىل 5-ئايدىن بۇرۇن يېڭىدىن 10 مىڭ كىشىنى قوبۇل قىلدۇق، يەنە 10 مىڭ كىشى قوبۇل قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز».

  يۇقۇم ئاستىدا، پۇقراۋى كارخانىلار بىر مەيدان چوڭ سىناققا دۇچ كەلدى. ليۇ يۇڭخاۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش، مەبلەغ سېلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش... ھەربىر تۈرلۈك ئىشىنى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىن ئىككى يىغىن مەيدانىغا ئېلىپ كەلگەنىدى.

  ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارغا كۆز يۈگۈرتۈپ چىقىپ، جانلىق، تەسىرلىك ھالدا مۇنداق دېدى: «پۇقراۋى كارخانىلار جۇڭگونىڭ ئۈمىدگە تولغان ئېتىزىدا ئۆسۈپ يېتىلمەكتە. دەسلىپىدە قاقاس ئېتىزلىقتا، قىسىلچاقلاردا ھاياتلىق ئىزدىدى. جۇڭگونىڭ پۇقراۋى كارخانىلار تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى قانچىلىك مۈشكۈل! بۇ دەل جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ئاستىدا چولاق كەتمەندە ئېچىلغان يول».

  تاغقا يولۇقسا يول ئېچىپ، سۇغا يولۇقسا كۆۋرۈك سېلىپ، يول بويى بوران-چاپقۇندا زەپەر مارشى ئېيتىش ___ «پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك كۆلەمگە يېتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا مۇشۇنداق تۆھپە قوشالىشى ھەقىقەتەن قالتىس ئىش».

  تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يۇقۇم قەدەمنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. ئىلگىرى تەرەققىي قىلىپ راۋاجلانغان پۇقراۋى كارخانىلار يۇقۇمدا تەتۈر ئېقىنغا قارشى ئىلگىرىلىشى كېرەكمۇ ياكى «لەخمىنى چوڭقۇر كولاپ، كەڭ ئاشلىق توپلىشى» كېرەكمۇ؟ تاللاش ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئورتاق ھېسسىياتقا كەلدى، يەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوللىشى ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش-يۆلەشتەك ئېنىق سىگنالنى تاپشۇرۇۋالدى.

  كەلگۈسىگە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرىلەش-چېكىنىشنىڭ قىيىنلىقىنى سۆزلىدى، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە دىيالېكتىكىلىق تەپەككۇر ۋە تەرەققىيات لوگىكىسى سىڭگەنىدى:

  «يەنىمۇ تەرەققىي قىلىش، داۋاملىق ‹قىيىنچىلىق›ئىچىدە بولىدۇ. ‹قىيىنچىلىق›پەلسەپە مەنىسىدىكى ھەرقانداق ساھە دۇچ كېلىدىغان، ئىلگىرىلەش يولىدىكى مەڭگۈلۈك مەسىلە. ھازىر، 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش يۈزبېرىپ، 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ‹قىيىنچىلىق› ھەرقايسى تەرەپلەردە كۆرۈلدى. ئوخشاش بولمىغان دەۋردە ئوخشاش بولمىغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك، بىز ھازىر پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھازىرقى باسقۇچلۇق قىيىن مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك».

  مەسىلە دەۋرنىڭ ساداسى. يۇقۇم مەزگىلىدە بىر تۈركۈم يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى كارامىتىنى كۆرسىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىپادىسى يارقىن بولدى، لېكىن بۇنىڭغا ئەگىشىپ يېڭى مەسىلىلەر كۆرۈلدى. ئەزا ۋاڭ يىمىن «يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى»گە ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملەرنى پىلانلاش تەكلىپى بەرگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى كەسىپ ھالىتى كېيىن پەيدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش كېچىكتۈرۈلمەسلىكى كېرەك، ۋاقتىدا ئەگىشىپ تەتقىق قىلىپ، قانۇندىكى كەمتۈكلۈكلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ، ئۆزگىرىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك...

  كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىلىدۇ، ئۆزگىرىش جەريانىدا يېڭى ۋەزىيەت ئېچىلىدۇ، تارىخنىڭ چاقى بىرمۇبىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇساپىسىدە توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: توختىماي ئىزدىنىش، توختىماي كۈرەش قىلىش، توختىماي قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش بىزنى يېڭى باسقۇچ، يېڭى نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى يولىغا باشلايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ