مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: شياڭگاڭنىڭ «مۇداپىئەسىز» قالغانلىقى مەركەزنىڭ ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەنلىكى ئەمەس

2020.05.25 16:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە شياڭگاڭنىڭ نېگىزلىك قانۇنىغا ئاساسەن، شياڭگاڭنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى دۆلەت قاتلىمىدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نى يولغا قويۇشى ئۈچۈن جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان «بىخەتەرلىك تاسمىسى»نى باغلاپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» كېمىسىنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ، ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، دۆلەت خەۋپسىزلىكى جەھەتتە «مۇداپىئەسىز» ھالەتتە تۇرۇپ كەلگەن شياڭگاڭنىڭ مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى تۈزۈم توسۇقىنى ئورنىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  دۆلەت قاتلىمىدىن يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش ۋە يوچۇقلارنى توسۇش زۆرۈر. دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە دائىر قانۇن چىقىرىش مەركەزنىڭ خىزمەت ھوقۇقىغا تەۋە. شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنى تەييارلىغاندا، ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، مەركەز شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونغا بولغان ئىشىنىشى ۋە ئەسلىدىكى قانۇن-تۈزۈملەرگە بولغان ھۆرمىتى قاتارلىقلارنى مەقسەت قىلىپ، شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ 23- ماددىسى ئارقىلىق شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا ئۆز ئالدىغا قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بېرىپ، شۇ ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان يەتتە خىل قىلمىش مەنئى قىلىنغان ئىدى.

  ھالبۇكى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلغان 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، نېگىزلىك قانۇننىڭ 23- ماددىسىدىكى قانۇن چىقىرىش ئىشى ئۇزاققىچە ئورۇندالمىدى، ھەتتا نامى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاندى؛ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرمۇ ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاساسىي جەھەتتىن «ئۇيقۇ» ھالىتىدە تۇرغان بولۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش، كۈچ سەپلەش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى تەقسىملەش قاتارلىق جەھەتلەردە روشەن ھالدا كەمچىللىك مەۋجۇت بولۇپ كەلدى، بۇ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش جەھەتتە دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان «مۇداپىئەسىز» ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇمۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ شياڭگاڭدا بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب. بۇنىڭغا قارىتا، مەركەز ھەرگىز پەرۋاسىز قاراپ تۇرمايدۇ، ھەم ئۆز مەيلىگىمۇ قويىۋەتمەيدۇ.

  دۆلەت قاتلىمىدىن يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش ۋە يوچۇقلارنى توسۇشنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ. بۇلتۇر 6- ئايدا نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دولقۇنى يۈز بەرگەندىن بۇيان، «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» تەشكىلاتى ۋە شۇ جايدىكى رادىكال بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتى ئاشكارىلاندى ھەم ئەۋج ئالدى. ئۇلار ئاشكارا ھالدا «شياڭگاڭ مۇستەقىللىقى» دېگەن سەپسەتىنى تەرغىپ قىلىپ، دۆلەت بايرىقىنى ھاقارەتلىدى ۋە كۆيدۈردى. دۆلەت گېربىنى بۇلغاپ، مەركەزنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتىغا ھۇجۇم قىلدى. ھەتتا «قورال بىلەن دۆلەت قۇرۇش»، «مەيداندا ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش» دەپ داۋراڭ سالدى، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاشقى كۈچلەر شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش سالمىقىنى ئاشكارا ھالدا ئاشۇرۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» پىرىنسىپىنىڭ تۆۋەن چېكىگە ئېغىر جەڭ ئېلان قىلدى. ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا، «ئاخىرقى دەۋردىكى شياڭگاڭ نازارەتچىسى» پېڭ دىڭكاڭنىڭ شياڭگاڭدىكى چەت ئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبىدا سۆزلىگەن تور نۇتقىدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە قارىتا قۇرۇق گەپ سېتىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نى ۋە نېگىزلىك قانۇننى خالىغانچە بۇرمىلاپ، مەركەزنىڭ شياڭگاڭغا قاراتقان سىياسىتىنى ھاقارەتلەپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئوبرازىغا زەھەرخەندىلىك بىلەن قارا چاپلىشى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەندى ۋە رەددىيە بېرىلدى.

  چىگە ئارغامچا ئادەتتە ئىنچىكە جايدىن ئاسان ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا، شياڭگاڭنىڭ «مۇداپىئەسىز» قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. سانسىزلىغان پاكىتلار شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، شياڭگاڭ ئەمدى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىكىدىكى بىر گەۋدىلىك ۋە خەۋپ-خەتەر نۇقتىسى، ھەم شۇنداقلا شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان زور خەۋپ-خەتەر نۇقتىسى بولۇپ قالدى. بۇنداق ئەھۋال قانچە ئۇزۇن داۋاملاشسا، ئۇنىڭ دۆلەتكە ۋە شياڭگاڭغا بولغان زىيىنى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. يېتەرسىزلىكلەرنى بالدۇرراق تولۇقلاش شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ۋە شياڭگاڭ ئاھالىلىرىنىڭ بەخت-سائادىتىگە، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا پايدىلىقتۇر.

  شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە قانۇن چىقىرىش ئىشىنى ئۆز ئالدىغا تاماملىيالمىغان ئەھۋال ئاستىدا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان قانۇن-تۈزۈملىرىنىڭ ماسلىشالماسلىق، مۇكەممەل بولماسلىق ۋە جايىدا بولماسلىق ھالىتى ئۇزاققىچە داۋاملىشىۋەرمەسلىكى كېرەك. مەركەزنىڭ دۆلەت قاتلىمىدىن يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ تولۇقلىشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنىڭ تۈزۈم توسۇقىنى ئورنىتىشى، ھەمدە دۆلەت خەۋپسىزلىكى خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى بولسا، بۇ بىر جەھەتتىن نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىگە، يەنە بىر جەھەتتىن «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نى پۇختا يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ