مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: تويلىشىش ئادىتىدە يېڭى كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىپ، ناتوغرا قىلىقلارنى چەكلەش لازىم

2020.05.22 17:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «تويلىشىش ئادىتى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى. «پىكىر»دە: تويلۇقنى ئېغىر سېلىش، ئىسراپچىلىق قىلىش، تويدا چاكىنا چاقچاق قىلىش، سوۋغاتلىق پۇلدا بەسلىشىش قاتارلىقلارنى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، تور ئەھلىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.

  توي-تۆكۈن قائىدە-يوسۇنلىرىغا مىڭ يىللاردىن بۇيان ۋارىسلىق قىلىنىپ كېلىنمەكتە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆزگىچە توي مۇراسىمى ئادىتى شەكىللىنىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى. رومانتىك، ئىناق ۋە مەدەنىي توي مۇراسىمى ئادىتى تويى بولغان قىز-يىگىت، قۇدىلار، ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە مەلۇم دەرىجىدە جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ.

  تويلىشىش ئادىتى ئۆرپ-ئادەتنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئۆرپ- ئادەت، ئاممىۋى تەرتىپ، ياخشى ئادەت دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ، ھەرگىزمۇ چاكىنا، قىلىقسىزلىق قىلىدىغان ئادەت ئەمەس. لېكىن، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈپ، تويلىشىش ئادىتى بىردىنلا ئۆزگىرىپ كەتتى. «نەچچە ئون يىل جاپا تارتىپ، بىر توي قىلىش بىلەنلا نامراتلىق سىزىقىغا قايتىش» چاقچاق ئەمەس، بەلكى دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان رېئاللىق بولۇپ قالدى. يۈز نەچچە مىڭ يۈەندىن نەچچە يۈز مىڭ يۈەنگىچە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان «يۇقىرى باھالىق تويلۇق»لار، تۆلەش ئېغىر كېلىدىغان «ئۈلۈش پۇلى»، نەچچە ئون ئۈستەل، ھەتتا 100دىن ئارتۇق ئۈستەل تىزىلغان ھەشەمەتلىك توي زىياپىتى، ئىنتايىن چاكىنا، ھەتتا قانۇننىڭ تۆۋەن چېكىگە تاقىلىدىغان «قىلىقسىز چاقچاق»لار... ساناپ كەلسەك تۈگىمەيدۇ، توي ئادىتىدىكى بەزى قاملاشمىغان قىلىقلار ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ساغلام بولمىغان، مەدەنىيەتسىز مەدەنىيەت پۇرىقىنى تارقاتماقتا.

  كىشىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغىنى چاكىنىلىقتا ئۇچىغا چىققان، ھەتتا رەزىل «تويدىكى قىلىقسىز چاقچاق»لار بولۇپ، يېڭى توي خۇشاللىقىنى سۇسلاشتۇرۇپلا قالماي، توي مۇراسىمىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئەپلەشمىسە يەنە يوق يەردىن ئوڭايسىزلىق ۋە خاپىلىقنى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن سەلبىي تەسىر پەيدا قىلماقتا، ھەتتا ئىجتىمائىي كەيپىياتنى بۇلغىماقتا. ھېچقانداق چەكلىمە يوق «تويدىكى قىلىقسىز چاقچاق»دا، تويى بولغان يىگىتنى يارىلاندۇرۇش، قىز قولداشقا پەسكەشلىك قىلىش ۋەقەلىرى پات-پات يۈز بېرىپ تۇرماقتا، ھەتتا تويى بولغان يىگىتنىڭ «چاقچاق» سەۋەبلىك ئۆلۈشىدەك ئەسەبىي دېلو مىساللىرى يۈز بېرىپ، خۇشاللىق كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆلۈم ۋەقەسىگە ئايلانماقتا. «پىكىر»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بۇ قاملاشمىغان قىلىقلارنى ئۈنۈملۈك تۈزىتىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەزدىن يەرلىككىچە، ھەممىلا يەردە تويدىكى ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىش، ساغلام، مەدەنىي تويلىشىش ئادىتىنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى، يەنە نۇرغۇن پايدىلىق سىناقلارنى ئېلىپ باردى: بەزىلىرى توي-دەپنە ئىشلىرى كېڭىشى قاتارلىق شۇنىڭغا ئوخشاش ئاپتونومىيە تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ، ئاممىنىڭ تويلىشىش ئادىتىنى قېلىپلاشتۇردى ۋە يېتەكلىدى؛ بەزى جايلار تويلىشىش ئادىتىنى مەدەنىيلىكنى باھالاش، قەرز پۇل بېجىرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئارقىلىق ئاممىنى يېتەكلىدى؛ بەزى جايلار تىزىملاش مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تىزىملاش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، توي قەسىمى بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئامما ياخشى كۆرىدىغان يېڭى توي ئادىتىگە ئايلاندۇردى... بۇ ئىزدىنىشلەر تويدىكى ناچار ئادەتلەرنى توسۇشتا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بېرىپ، مەدەنىي، ساغلام ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  مەدەنىي تويلىشىش ئادىتى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. جايلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان، ئامما خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان يېڭى دەۋردىكى تويلىشىش ئادىتى مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىناق، مەدەنىي، تەرتىپلىك تويلىشىش ئادىتىنى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى ئاستا-ئاستا تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدا تەبىئىي ھالدا مودىغا ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ