شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئەتراپلىق، دىيالېكتىك، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يارىتىپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش لازىم

ۋاڭ ياڭ يوقلاش ۋە مۇزاكىرە قىلىشقا قاتناشتى

2020.05.24 15:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 23-ماي چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى ھەمدە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئەتراپلىق، دىيالېكتىك، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن تەھلىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەت يېتىشتۈرۈپ، ئۆزگىرىش ئىچىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئېلىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بازار بولۇشتەك يوشۇرۇن كۈچى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي يۈزلىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يوقلاش ۋە مۇزاكىرە قىلىشقا قاتناشتى.

  بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ۋاڭ يىمىڭ، ليۇ چى، ليۇ يۇڭخاۋ، خۇ شياۋليەن، ياڭ چېڭجاڭ قاتارلىق بەش ئەزا يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلىنىڭ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۆزگىچە ئېكولوگىيە بايلىقىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مەدەت بېرىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، يېڭى نەزەر بىلەن 14-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلاپ، بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بۇ يەردە ئولتۇرغان ئەزالار، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىق، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا ئەتراپلىق، دىيالېكتىك، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەت، بولۇپمۇ تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنى ئىشەنچنى ئاشۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ئاساسىي يۈزلىنىشىنى مۇستەھكەملەش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ